« زەبۇر »

16

داۋۇت يازغان مىقتام*

1ئۆزۈڭ مېنى ساقلىغىن خۇدا،

چۈنكى سەندىن تاپارمەن پاناھ.

2دېدىم مەن پەرۋەردىگارغا:

«ئىگەمدۇرسەن، بەختىم يوقتۇر سەندىن باشقا.»

3ئالىيجانابتۇر زېمىندىكى تەقۋادار خەلقىڭ،

بارلىق خۇشاللىقىمدۇر ئۇلار مېنىڭ.

4كىمكى چوقۇنماق بولسا غەيرىي ئىلاھلارغا،

ئاشار ئۇنىڭ دەردلىرى قەۋەتلا.

قۇربانلىق قىلماسمەن ئاتاپ ئۇلارغا،

ئالماسمەن ناملىرىنى ھەتتا تىلىمغا.

5پەرۋەردىگار ئىستىقبالىم، نېسىۋەمدۇر،*

ئى پەرۋەردىگار، كېلەچىكىم قولۇڭدىدۇر.

6ئېسىل رىزىقلىرىڭ ماڭا تەقدىم قىلىنغاندۇر،

سەن ئاتا قىلغان گۈزەل بەختىم بايلىقىمدۇر.

7ھەمدۇسانا ئېيتىمەن نەسىھەتچىم پەرۋەردىگارغا،

كېچىدىمۇ توغرا يولنى كۆرسىتەر قەلبىم ماڭا.

8پەرۋەردىگارنى تۇتارمەن ھەر دائىم يادىمدا،

ئوڭ يېنىمدا بولغاچ ئۇ تەۋرەنمەسمەن پەقەتلا.

9شۇڭا روھىم شادلىقتا، خۇشاللىق بار قەلبىمدە،

بىخەتەرلىك-ئامانلىق بەردىڭ مېنىڭ تېنىمگە.

10بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە،

يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە.

11كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا،

خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا،

مەڭگۈلۈك شادلىق باردۇر ئوڭ قولۇڭدا.



*مىقتام _ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، تاش تاختىغا ئويۇلۇپ يېزىلغان مۇناجاتلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

*5نېسىۋەم _ ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىسى ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بولغان بولۇپ، خۇدا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا يەر-زېمىن ئاتا قىلغان. پەقەت لاۋىي دېگەن ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىغا يەر-زېمىن بەلگىلەپ بەرمىگەن. چۈنكى خۇدا لاۋىيلارنى ئۆزىگە روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىشقا تاللىۋالغان ۋە ئۇلارغا «مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ نېسىۋەڭلار بولىمەن» دېگەن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى