« زەبۇر »

58

داۋۇت يازغان مىقتام بولۇپ، «ھالاك قىلمىغىن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1چىقىرامسىلەر ھەق قارار ھۆكۈمدارلار راستتىنلا؟

ئادىلمىدۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمىڭلا؟

2ياق، كۆڭلۈڭلاردا يامانلىق ئويلاپ قارار چىقىرىسىلەر،

يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلار زوراۋانلىق قىلىسىلەر.

3رەزىللەر ئاداشقاندۇر بالىياتقۇدىن چىققاندىلا،

يالغانچىلار يولدىن ئازار ئانىسىدىن تۇغۇلۇپلا.

4-5زەھەرخەندىدۇر ئۇلار زەھەرلىك يىلان كەبى،

جاھىللىقى ئۇلارنىڭ نەي ئاۋازىنى ئاڭلىمايدىغان كوبرا بەئەينى،

يىلان ئويناتقۇچىنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ئاڭلىماس ئۇلار قەتئىي.

6ئى خۇدا، ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكىن ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى،

ئى ئىگەم، يۇلۇۋەتكىن ئۇ شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى.

7ئۇلار خۇددى ئېقىپ كەتكەن سۇلار كەبى يوقالسۇن،

ئوقيالىرىنى بەتلىسە، ئوقى شۇئان سۇنۇپ كەتسۇن.

8ئارىمىزدىن يوقالسۇن ئۇلار خۇددى قۇلۇلىلەر ماڭغانسېرى ئېرىپ يوقالغاندەك،*

كۈن كۆرمىسۇن ئۇلار ئايالنىڭ بويىدىن چۈشۈپ كەتكەن بوۋاقتەك.

9تىكەن يېقىلىپ ئوچاقتا قازان سەزگۈچە ئىسسىقىنى،

ئى خۇدا، يوقۇتىۋەتكىن ئۇلارنى _ ياش-قېرىلارنىڭ ھەممىسىنى.

10يامانلارنى جازالىسا خۇدايىم ھەققانىيلار خۇش بولار،

يامانلارنىڭ قېنىدا پۇتلىرىنى يۇيىدۇ ئۇلار.

11شۇڭا دەركى ئىنسانلار: «ھەققانىيلار ئىنئام ئالۇر،

شۈبھىسىزكى، يەر يۈزىدە سوراق قىلغۇچى خۇدا باردۇر.»



*8قۇلۇلىلەر ماڭغانسېرى ئېرىپ يوقالغاندەك _ ئەينى چاغدا كىشىلەر قۇلۇلىلەر ماڭغانسېرى ئېرىپ تۈگەيدۇ، دەپ قارىغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى