« زەبۇر »

102

ئېزىلىپ ھالىدىن كەتكەن بىر ئادەمنىڭ پەرۋەردىگارغا داد-پەرياد قىلىپ قىلغان دۇئاسى.

1ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار دۇئايىمنى،

تىڭشىغايسەن مېنىڭ قىلغان پەريادىمنى.

2يوشۇرمىغىن دىدارىڭنى مەندىن خۇدا كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

نىدا قىلسام قۇلاق سېلىپ تېزدىن جاۋاب بەرگىن ماڭا.

3ئۆمرۈم مېنىڭ ئىس-تۈتەكتەك كەتمەكتە غايىب بولۇپ،

ۋۇجۇدۇم ئۆرتەنمەكتە ئوتتەك كۆيۈپ.

4يۈرىكىم قۇرۇق چۆپتەك قۇرۇپ كەتتى.

ئىشتىھاسىز، تامىقىم ئازلاپ كەتتى.

5ھەسرەت ۋە نادامەتتە كۆپ قىينالدىم،

ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىم.

6مەن گويا باياۋاندا ئۇچۇپ يۈرگەن تازقارىمەن،

ۋەيرانە خارابىنى ماكان قىلغان ھۇۋقۇشمەن.

7مەن گويا ئۆگزىدىكى يېتىم قۇشمەن،

ياتساممۇ كۆزۈم ئوچۇق، ئۇيقۇسىزمەن.

8كۈنبويى مەسخىرە قىلار مېنى دۈشمەنلىرىم،

ھاقارەتلىك سۆزگە يانداش بولۇپ قالدى مېنىڭ ئىسمىم.

9-10سەن قەھر-غەزەپ قىلغاچ ماڭا،

كۈل يېدىم قورسىقىمغا نان ئورنىغا.

كۆز يېشىمسىز ئىچەلمەيمەن ئىچىملىكىمنى،

بەرھەق، خۇدا ئەخلەت كەبى تاشلىدىڭ مېنى.

11گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى،

تېنىم چۆپتەك بولۇپ قاقشال-غازاڭلاشتى.

12لېكىن تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگار،

شۆھرىتىڭ ئەلمىساقتىن تائەبەدكە داۋاملىشار.

13سەن ياردىمىڭنى ئايىماي، سىئونغا رەھىم قىلىسەن،

چۈنكى ئۇنىڭغا مېھرىبان بولۇپ، ياردەم قىلىش ۋاقتى كەلدى،

شۇنداق، ياردەم قىلىشنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.

14قۇللىرىڭ تاشلىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيەر سىئوننىڭ،

خاراب بولغان تۇپرىقىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ ئۇنىڭ.

15بارچە ئەللەر نامىڭغا ھۆرمەت قىلار پەرۋەردىگار،

شەرىپىڭدىن ئەيمىنەر ئالەمدىكى ھەممە شاھ، ھۆكۈمرانلار.

16پەرۋەردىگار سىئوننى قايتا قۇرار،

شان-شۆھرىتى خۇدانىڭ نامايان بولار.

17قوبۇل قىلار پەرۋەردىگار مىسكىننىڭ دۇئاسىنى،

رەت قىلمايدۇ غېرىبنىڭ پەريادىنى.

18كېلىچەك بىر ئەۋلاد ئۈچۈن

خاتىرىلەڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىنى،

كەلگۈسىدە خەلقلەر مەدھىيەلىسۇن خۇدانى.

19-20چۈنكى خۇدا ئاڭلاي دەپ، مەھبۇسلارنىڭ ئاھ-زارىنى،

ئازاد قىلاي دەپ، يەنە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى.

نەزەر سالدى ئۈستىمىزگە مۇقەددەس ماكانىدىن،

قارىدى زېمىن تامان پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن.

21-22پادىشاھلار، قوۋملار جەم بولغىنىدا،

پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغىنىدا.

ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلار سىئوندا،

شەنىگە مەدھىيە ئوقۇر يېرۇسالېمدا.

23بىراق خۇدا ئاجىز قىلدى قىران ۋاقتىمدا،

ھاياتىمنى قىسقارتتى ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا.

24يىللىرىڭنىڭ چېكى يوقتۇر ئى خۇدا،

جېنىمنى ئالما ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا.

25دۇنيانى يارتقانتىڭ ئەلمىساقتا،

ئاسمانمۇ بەرپا بولدى ئۆز قولۇڭدا.

26بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ،

سەن بولساڭ ئەبەدىي ۋە مەڭگۈلۈكسەن.

ئۇلار گويا كىيىمدەك كونىرىغاندا،

سەن ئۇلارنى كىيىم كەبى ئالماشتۇرىسەن.

ئاسمان-زېمىن يوق بولار بىردىنلا.

27لېكىن سەنلا ئۆزگەرمەس پەرۋەردىگار،

پەقەت سەندە ئەبەدىي ھاياتلىق بار.

28خاتىرجەم ياشايدۇ قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرى،

ھۇزۇرۇڭدا گۈللەپ ياشنار ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى