خۇدا بىردىن بىر ئىلاھتۇر

« زەبۇر » 18- مۇناجات

31«مەڭگۈ بار بولغۇچى»دىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟!

ئىگىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟ [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 15- باب

11ئى پەرۋەردىگار، ئالەمدە نەدە بولسۇن سەندەك بىر ئىلاھ؟

كىمدە بولسۇن سەندىكىدەك ھەيۋەت، ئۇلۇغ شان-شەرەپ؟

كىممۇ ساڭا ئوخشاش، كۆرسىتەلىسۇن مۆجىزە-كارامەت؟ [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 20- باب

1خۇدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

2_ مەن سېنى قۇل بولۇپ ياشىغان مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭ خۇدادۇرمەن.

3ماڭىلا ئىبادەت قىل. مەندىن باشقا ھېچ قانداق ئىلاھىڭ بولمىسۇن.

4چوقۇنۇش ئۈچۈن، مەيلى ئاسماندىكى، يەردىكى، يەر ئاستىدىكى ياكى سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىما. 5ھەرقانداق بۇتقا چوقۇنما ياكى خىزمەت قىلما. چۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ خۇدا بولغان مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى ھەتتا نەرۋە-چەۋرىلىرىگىچە جازالايمەن. 6لېكىن، مېنى سۆيىدىغان، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ سانسىزلىغان ئەۋلادلىرىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 37- باب

20ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سېنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!» [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 43- باب

11مەن يېگانە بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن،

سىلەرنى مەندىن باشقا ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 45- باب

5مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن،

مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!

سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ

مەن ساڭا كۈچ-قۇدرەت بېرىمەن.

6كۈن چىقىشتىن تارتىپ،

كۈن پېتىشقىچە بولغان زېمىنلاردىكى بارلىق خەلق،

مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلسۇن.

مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن! [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 45- باب

22ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار،

ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر!

مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 46- باب

9ئۆتمۈشتە مەن قىلغان ئىشلارنى ئويلاڭلار،

مەن ھەقىقەتەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن،

مەن خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

28ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلىغان ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ _ دەپ سورىدى.

29ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەڭ مۇھىمى شۇكى، «ئاڭلىغىن ئەي ئىسرائىللار! پەرۋەردىگارىمىز بولغان خۇدا بىردىنبىر خۇدادۇر. 30پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن.» 31يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.» مانا بۇلاردىن مۇھىم ئەمر يوق.

32_ توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇستاز، _ دېدى تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا، _ «خۇدا بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر» دېگىنىڭىز دۇرۇس. 33ئىنساننىڭ خۇدانى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەردىنمۇ مۇھىمدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

29سىلەر خۇدا پەقەت تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولغان يەھۇدىيلارنىلا قوبۇل قىلىدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 8- باب

5گەرچە بەزىلەر دۇنيادا نۇرغۇن ئىلاھلار بار، ئۇلار زېمىن ۋە ئاسماندا ياشايدۇ دەپ قارىغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خۇداسى ۋە رەببى دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، 6بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدائاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇق. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 2- باب

19سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 15- باب

4ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار،

نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟

چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن.

كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر،

ساڭا سەجدە قىلغۇسى.

چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ

قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى