خۇدا مۇتلەق ئادىلدۇر

« زەبۇر » 9- مۇناجات

3دۈشمەنلىرىم مەغلۇپ بولۇپ قاچقىنىدا،

ھالاك قىلىسەن ئۇلارنى ئالدىمدا.

4چۈنكى، مېنى ئاقلىدىڭ سەن ھەق دەۋايىمدا،

ئادالەتلىك سوتچى بولۇپ سەلتەنەتلىك ئورنۇڭدا.

5سوراق قىلىپ يات ئەللەرنى،

ھالاك قىلدىڭ رەزىل خەلقلەرنى،

ئۆچۈرۈۋەتتىڭ مەڭگۈگە ناملىرىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 11- باب

1پەرۋەردىگار يىرگىنەر مەككارنىڭ تارازىسىدىن،

خۇرسەن بولار ھەققانىينىڭ تارازا تېشىدىن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 21- باب

3ئادەمنىڭ ھەققانىي ۋە ئادىل ئىش قىلىشى،

قۇربانلىق قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن قىلار پەرۋەردىگارنى. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 30- باب

18پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ،

ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار.

چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر.

ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 5- باب

16بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ،

مۇقەددەس خۇدا ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 33- باب

5پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ.

ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 1- باب

5سىلەرنىڭ بۇنداق قىيىن ئەھۋاللاردا ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىگەنلىكىڭلار خۇدانىڭ قىيامەت كۈنىدە چىقىرىدىغان ھۆكۈمىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، خۇدا سىلەرنىڭ قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلاردىن سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىدا ياشاشقا لايىق ھېسابلايدۇ. سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىسىلەر. 6خۇدا ئادىلدۇر. ئۇ سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ. 7شۇنداقلا، رەببىمىز ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلەر ۋە يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئەرشتىن قايتا كەلگەن چاغدا، خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن سىلەرگە ۋە بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ. 8شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 4- باب

8ھازىر ھەققانىيلىق تاجى مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئادىل سوراق قىلىدىغان رەببىمىز قايتا كەلگەندە، ماڭا كىيدۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە كىيدۈرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

17سىلەر كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان خۇدانى «ئاتا» دېگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 15- باب

3ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى:

«ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا،

قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر.

ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى،

يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر.

4ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار،

نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟

چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن.

كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر،

ساڭا سەجدە قىلغۇسى.

چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ

قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.» [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 16- باب

5ئاندىن، سۇ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:

«ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان مۇقەددەس خۇدا!

چىقارغان ھۆكۈملىرىڭ دۇرۇس ۋە ئادىلدۇر.

6يامان ئادەملەر سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ ۋە پەيغەمبەرلەر قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن،

سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار مۇشۇ جازاغا لايىقتۇر.»

7يەنە قۇربانلىق سۇپىسىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنىڭ:

«ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 19- باب

1شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار:

«ھەمدۇسانا!

نىجاتلىق، ئۇلۇغلۇق ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر.

2چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر.

ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز زىناسى بىلەن بۇزغان داڭلىق پاھىشىنى سوراققا تارتىپ،

ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى» دېيىشەتتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى