نۇھ ئەلەيھىسسالام

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 6- باب

5پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىنى، نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامانلىقىنى كۆرۈپ، 6ئۆزىنىڭ ئادەمنى ياراتقانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا:

7_ مەن ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا، بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارنىمۇ يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! _ دېدى.

8لېكىن، پەرۋەردىگار نۇھتىن خۇرسەن ئىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 7- باب

1پەرۋەردىگار نۇھقا:

_ بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر ئارىسىدا سېنىڭ بىردىنبىر دۇرۇس كىشى ئىكەنلىكىڭنى بايقىدىم. شۇڭا، سەن پۈتۈن ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن. 2مەن «ھالال» دەپ بېكىتكەن ھايۋاناتلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، «ھارام»لىرىنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋال. 3ئۇچارقاناتلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىنمۇ يەتتە جۈپتىن ئېلىۋال. شۇنداق بولغاندا، توپان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر خىل ھايۋانات، ئۇچارقاناتلار ھايات قېلىپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى قايتا كۆپىيەلەيدۇ. 4ئۆزۈم ياراتقان پۈتكۈل جانلىقلارنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن، يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز قاتتىق يامغۇر ياغدۇرىمەن، _ دېدى.

5نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىجرا قىلدى.

6توپان يەر يۈزىنى باسقاندا، نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. 7ئۇ توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىگە چىقتى. 8-9«ھالال» ۋە «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارمۇ خۇدانىڭ نۇھقا ئېيتقىنىدەك نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىردى. 10يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى.

11نۇھ ئالتە يۈز ياشقا كىرگەن يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، يەر ئاستىدىكى ھەممە بۇلاقلار يېرىلىپ، ئاسماندىن چېلەكلەپ قۇيغاندەك قاتتىق يامغۇر ياغدى. 12يامغۇر قىرىق كېچە-كۈندۈز توختىماي داۋاملاشتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 5- باب

28-29لەمەك 182 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ [ئاھاڭ جەھەتتە «يەڭگىللىتىش»] دەپ قويدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ يەرگە لەنەت ئوقۇشى بىلەن، بىز جاپالىق ئىشلارغا قالغان. ئەمدى بۇ بالا بىزنىڭ ئېغىرىمىزنى يەڭگىللىتىدۇ» دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 9- باب

8-10ئاندىن، خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئەمدى سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن ھەمدە يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋاناتلار، يەنى سىلەر بىلەن بىللە كېمىدىن چىققان ھەربىر ئۆي ھايۋانلىرى، ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. 11سىلەرگە ۋەدە بېرىمەنكى، پۈتكۈل جانلىقلار ھەرگىز توپان بىلەن قايتا يوقىتىلمايدۇ، يەر يۈزىنى خاراب قىلىدىغان توپان ئىككىنچى كەلمەيدۇ. 12-13مەن سىلەر ۋە بارلىق جانلىقلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدىنى تۈزدۈم. بۇ ئەھدىنىڭ بەلگىسى _ ئاسماندا كۆرۈنىدىغان ھەسەن-ھۈسەندۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 9- باب

18كېمىدىن چىققان نۇھنىڭ ئوغۇللىرى: سام، ھام ۋە ياپەتلەر ئىدى. (ھام كەنئانلىقلارنىڭ بوۋىسى.) 19دۇنياغا تارقالغان ھەممە خەلقلەر نۇھنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

20نۇھ دېھقان بولۇپ، ئۈزۈمزارلىق يېتىشتۈرگەن بىرىنچى كىشى ئىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 17- باب

26نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان زامانىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 27ئۇ زاماننىڭ كىشىلىرى نۇھ پەيغەمبەر كېمىگە ئولتۇرغان كۈنگىچە، بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ كەلگەنىدى. تۇيۇقسىزلا توپان كېلىپ، كېمىگە چۈشمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 11- باب

7ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت » 2- باب

5خۇدا قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان كىشىلەرنىمۇ ئاياپ قويمىدى. ئۇلار گۇناھقا بېرىلگەن بولغاچقا، خۇدا دۇنيانى كەلكۈن بىلەن غەرق قىلىپ، ئۇلارنى جازالىدى. خۇدا پەقەت شۇ زاماندىكى كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا مېڭىشقا دەۋەت قىلغان نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى يەتتە كىشىنى ساقلاپ قالدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى