« زەبۇر »

9

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «مۇت-لاببەن»دە* ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئى خۇدا، چىن دىلىمدىن ئېيتىمەن تەشەككۈرۈمنى،

بايان ئەيلەپ سېنىڭ پۈتكۈل كارامەتلىرىڭنى.

2سەندىن ئالدىم خۇشاللىق، شادلىقىمنى،

ئى ئۇلۇغ خۇدا، كۈيلەيمەن نامىڭنى.

3دۈشمەنلىرىم مەغلۇپ بولۇپ قاچقىنىدا،

ھالاك قىلىسەن ئۇلارنى ئالدىمدا.

4چۈنكى، مېنى ئاقلىدىڭ سەن ھەق دەۋايىمدا،

ئادالەتلىك سوتچى بولۇپ سەلتەنەتلىك ئورنۇڭدا.

5سوراق قىلىپ يات ئەللەرنى،

ھالاك قىلدىڭ رەزىل خەلقلەرنى،

ئۆچۈرۈۋەتتىڭ مەڭگۈگە ناملىرىنى.

6دۈشمەنلەر ۋەيران بولدى ئەبەدكە،

ئايلىنىپ شەھەرلىرى خارابىلىككە.

قالمىدى ئۇ جايلارنىڭ ناملىرى تارىخ بېتىدە.

7پەرۋەردىگار ئولتۇرار مەڭگۈ شاھلىق تەختىدە،

ھۆكۈم ئۈچۈن قۇرغاندۇر ئۇ تەختىنى ئەسلىدە.

8دۇنيانى ئۇ سوراق قىلار ئادالەتتە،

ئادىل ھۆكۈم چىقىرار خەلقلەرگە.

9پەرۋەردىگار قورغاندۇر ئېزىلگەنلەرگە،

پاناھ بولار ئۇ دائىم ئازابلىق كۈنلەردە.

10سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭنى بىلگەنلەر

ئىشەنچىسىنى باغلار ساڭا،

چۈنكى، تەرك ئەتمەيسەن

ساڭا تەلپۈنگەنلەرنى، ئى خۇدا.

11كۈيلەڭلار سىئوندا* ھۆكۈم سۈرگەن پەرۋەردىگارنى،

بايان ئەيلەپ ئەللەر ئارا ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجرىنى.

12چۈنكى، ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى،

ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى.

13ئى پەرۋەردىگار، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ ماڭا،

قۇتقۇز مېنى ئۆلۈمنىڭ گىردابىدىن.

قارىغىن، ئۆچمەنلەرنىڭ ماڭا سالغان ئازابىغا.

14بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا،

سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا.

نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا.

15يات ئەللەر چۈشتى ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا،

پۇتلىرى ئىلىنىپ قالدى يوشۇرۇپ قويغان تۇزاققا.

16ھۆكۈمى بىلەن تونۇتتى ئۆزىنى پەرۋەردىگار،

يامانلىقلىرى بىلەن چۈشىلىپ قالدى يامانلار. خىگگائون سېلاھ*

17قەبرىلەرگە كىرىپ كېتەر يامانلار،

خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق قوۋملار.

18مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلۇپ كەتمەس بۇ دۇنيانىڭ يوقسۇللىرى،

ئەمەلگە ئاشماي قالماس ئېزىلگەنلەرنىڭ ئارزۇلىرى.

19ئى پەرۋەردىگار، ياردەم قىل، غالىب كەلمىسۇن رەزىللەر،

ئالدىڭدا سوراق قىلىنسۇن يات ئەللەر.

20ئى پەرۋەردىگار، قورقۇنچقا سالغىن ئۇلارنى،

بىلىپ يەتسۇن ئۇلار پەقەتلا بەندە ئىكەنلىكىنى. سېلاھ



*مۇت-لاببەن _ بىر خىل مۇزىكا ئاھاڭىنىڭ نامى بولۇشى مۇمكىن.

*11سىئون _ يېرۇسالېم شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ.

*16خىگگائون _ ئېنىق مەنىسى نامەلۇم بولۇپ، «سېغىنىپ سۈكۈت قىلىش» ياكى «مۇزىكا پەس ئاۋازلىق بولۇشى كېرەك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى