« زەبۇر »

94

1ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، ئى خۇدا،

ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، چاچقىن جۇلا.

2ئى جاھان سوراقچىسى، چىقىپ ئوتتۇرىغا،

لايىقىدا جازا بەرگىن تەكەببۇرلارغا.

3ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەر قاچانغىچە ماختىنار،

قاچانغىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشەر ئۇلار؟

4ۋالاقشىيدۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۇلار،

پو ئاتىدۇ ئۇ يامانلىق قىلغۇچىلار!

5سەن تاللىغان قوۋمىڭنى ئېزىپ ئۇلار،

ساڭا تەۋە بولغانلارغا جەبىر سالار.

6قىرغىن قىلىپ تۇل خوتۇن، غېرىبلارنى،

ئۆلتۈرىدۇ پاناھسىز يېتىملارنى.

7ئۇلار دەر: «كۆرمەيدۇ پەرۋەردىگار،

ياقۇپنىڭ خۇداسى بىلمەيدۇ زىنھار.»

8ئەي ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى، ئويلاپ بېقىڭلار!

ئەي ئەخمەقلەر، قاچان بولار ئەقلىڭلار؟

9ئاڭلىماسمۇ قۇلاقنى ياراتقۇچى؟!

كۆرمەسمۇ كۆزنى ئاتا قىلغۇچى؟!

10يات ئەللەرنى جازالىغۇچى خۇدا جازالىماسمۇ سىلەرنى؟

ئىنسانغا ئەقىل ئۆگەتكۈچى تەربىيەلىمەسمۇ ئادەمنى؟

11خۇدا بىلىدۇ ئىنساننىڭ ئوي-پىكرىنى،

بىھۇدىدۇر خىياللارنىڭ ھەممىسى.

12بەختلىكتۇر سەن تەربىيەلىگەن كىشى، ئى پەرۋەردىگار،

ئىنسان تەربىيەڭدىن، تەلىمىڭدىن بەخت تاپار!

13سەن ئۇلارنى ئامان قىلىسەن يامان كۈنلەردە،

تاكى يامانلار ئورىغا چۈشۈپ ھالاك بولغۇچە.

14پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىنى تەرك ئەتمەس،

ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنى تاشلاپ كەتمەس.

15ھۆكۈم-پەرمان ھوقۇقى قايتار ھامان ئادالەتكە،

قەلبى پاكلار ھىمايە قىلار ئادالەتنىڭ كەينىدە.

16رەزىللەردىن قوغدايدۇ مېنى كىم چىقىپ ئوتتۇرىغا؟

كىم تۇرار مەن تەرەپتە قارشى ھالدا يامانلارغا؟

17ئەگەر ياردەم بەرمىگەن بولسا ئىدى ماڭا خۇدا،

ياتار ئىدىم جىمجىتلىق قاپلىغان ئۆلۈكلەر ماكانىدا.

18ئى پەرۋەردىگار، تېيىلىپ كېتەي دېگىنىمدە،

يۆلىدىڭ مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە.

19غەم-قايغۇ، ئەندىشىدە قالغىنىمدا،

شادلاندۇرىسەن تەسەللى بېرىپ ماڭا.

20ساڭا دوست بولالماس چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار،

قانۇننى قالقان قىلار قىلغانلىرىدا ئەسكى ئىشلار.

21ئۇلار بىرلىشەر ھەققانىيلارنى ئۆلتۈرۈشكە،

ھۆكۈم قىلار بىگۇناھلارنى ئۆلۈمگە.

22پەرۋەردىگار قورغىنىمدۇر،

پاناھگاھىم _ قورام تېشىمدۇر.

23گۇناھلىرى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى جازالار،

رەزىللىكى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلار،

شۇنداق، پەرۋەردىگارىمىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلار.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى