« مىسىردىن چىقىش »

35

دەم ئېلىش كۈنىنىڭ قائىدە-نىزامى

1مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ تۆۋەندىكى قائىدىگە رىئايە قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى. 2«ئىش قىلىشىڭلارغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈن بولسا مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولغان دەم ئېلىش كۈنىدۇر. بۇ كۈنى خىزمەت قىلغانلىكى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. 3دەم ئېلىش كۈنى، ھەتتا ئۆز ئۆيىدە ئوت يېقىشقىمۇ بولمايدۇ.»

ئىبادەت جايى ئۈچۈن ھەدىيە سۇنۇش

4مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە يەنە مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار شۇنداق ئەمر قىلدىكى: 5«سىلەر پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار، خالىغانلار ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، 6كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپ، كەندىر يىپ ھەم ئۆچكە تىۋىتى، 7قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىلەر، ئاكاتسىيە ياغىچى، 8چىراغ يېغى، مۇقەددەس ياغ ۋە ئىسرىق ياسىلىدىغان خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، 9باش روھانىي كىيىدىغان قىسقا ئېفود بىلەن كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلارنى ھەدىيە قىلسۇن.»

ئىبادەت چېدىرىنىڭ سايمانلىرى

10_ ئاراڭلاردىكى ماھىر ئۇستىلار كېلىپ، پەرۋەردىگار بۇيرۇغان بارلىق نەرسىلەرنى، 11يەنى ئىبادەت چېدىرى، چېدىرنىڭ يوپۇقى، چېدىرنىڭ ئىلمەك، رام، توغرا بالداقلىرى ۋە تۈۋرۈكلىرى ھەم تۈۋرۈك پۇتلىرى، 12ئەھدە ساندۇقى، ساندۇقنى كۆتۈرىدىغان بالداقلار، ساندۇقنىڭ ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ۋە يوپۇق پەردىسى، 13شىرە، شىرەنى كۆتۈرىدىغان بالداقلار ۋە شىرە سايمانلىرى، خۇداغا سۇنىدىغان نانلار، 14چىراغدان ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرى، چىراغ ۋە چىراغ يېغى، 15ئىسرىقدان ۋە ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلار، مۇقەددەس ياغ ۋە خۇشبۇي ئىسرىق، چېدىرنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، 16كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، كۆتۈرۈش بالداقلىرى ۋە بارلىق سايمانلىرى، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ، 17ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردە توسۇقلار، پەردە تۈۋرۈكلىرى ۋە تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، 18چېدىر ۋە ھويلىنىڭ قوزۇق ۋە تانىلىرى، 19روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەرنى تەييارلىسۇن.

خەلقنىڭ ھەدىيىسى

20پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسانىڭ يېنىدىن قايتىشتى. 21كۆڭلى رىغبەتلەنگەن ۋە رازىمەنلىك بىلەن ھەدىيە قىلىشنى خالىغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنى بىنا قىلىش، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ياساش ۋە مۇقەددەس كىيىمنى تىكىشكە كېرەكلىك بولغان لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشتى. 22ھەدىيە قىلىشنى خالايدىغان ئەرلەر ۋە ئاياللار بۇلاپكا، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەزۈك قاتارلىق ھەر خىل ئالتۇن بۇيۇملارنى ئەكېلىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئاتىدى. 23كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ، كەندىر يىپ، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە نەپىس ئىشلەنگەن تېرە قاتارلىق نەرسىلىرى بارلار ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشتى. 24كۈمۈش ياكى تۇچ ھەدىيە قىلالايدىغانلار ھەدىيىلىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. ئاكاتسىيە ياغىچى بارلارمۇ ئۇنى ئېلىپ كېلىشتى. 25قولى چېۋەر ئاياللار ئۆز قولى بىلەن ئېگىرگەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپ ھەم كەندىر يىپ ئېلىپ كېلىشتى. 26كۆڭلى رىغبەتلەنگەن قابىلىيەتلىك ئاياللار يەنە ئۆچكە تىۋىتىدىن يىپ ئېگىرىشتى. 27ئاقساقاللار ئېفودقا ۋە كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار، 28چىراغ، مۇقەددەس ياغ ۋە ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەك ۋە ياغلارنى ئېلىپ كېلىشتى. 29مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ھەدىيىلىرىنى ئېلىپ كېلىشىپ، پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئۇلارنى سېلىشقا بۇيرۇغان ئىبادەت جايى ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتى.

ئىبادەت چېدىرىنى ياساش ھۈنىرى

30مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ قاراڭلار! پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالىلنى تاللىدى. 31ئۇنى ئۆز روھى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدى. 32ئۇ ھازىر خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش، 33قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا سېلىش ھەمدە ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ. 34پەرۋەردىگار يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئابقىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ۋە بىزالىلنى باشقىلارغا ئۇستاز قىلدى. 35پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەقىل-پاراسەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا نەققاشلىق، ئويمىچىلىق، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن كەشتە تىكىش، رەختلەرنى توقۇش قاتارلىق ھەر خىل نەپىس ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارلىرىنى ئاتا قىلدى. ئۇلار ھەر خىل ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ ۋە خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى ئويلاپ چىقىرالايدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى