« سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم »

24

داۋۇتنىڭ لەشكەرلەرنى ساناپ رويخەتكە ئېلىشى

1ئىسرائىللارغا پەرۋەردىگارنىڭ يەنە غەزىپى كەلدى-دە، داۋۇت پادىشاھنى ئىسرائىللارغا قارشى قويۇپ، ئۇنىڭغا: «سەن بېرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىق!» دېدى.

2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابقا بۇيرۇق قىلىپ:

_ سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى داندىن تاكى بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملەرنى ساناپ چىقىڭلار، مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلىشىم كېرەك، _ دېدى.

3ۋاھالەنكى، يوئاب پادىشاھتىن:

_ پەرۋەردىگار خۇدالىرى لەشكەرلەرنىڭ ھازىرقى سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئۇلارنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش نېسىپ بولغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن بۇنداق قىلىشنى ئىستەپ قالدىلا؟ _ دەپ سورىدى.

4لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئاب ۋە سەركەردىلەرنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئىسرائىللارنىڭ لەشكەرلىرىنى ساناشقا يۈرۈپ كەتتى.

5ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، دەريا ۋادىسىدىكى ئاروئېر شەھىرىدە ۋە ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باشقا بىر شەھەردە لەشكەرلەرنى ساناشقا كىرىشتى. كېيىن ئۇلار گاد زېمىنىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن يازېر شەھىرىگىچە باردى. 6كېيىن ئۇلار يەنە گىلئادقا ۋە خىتلارنىڭ زېمىنىدىكى كادېش شەھىرىگە باردى. ئۇلار ئۇ يەردىن دان-يائانغا بېرىپ، سىدوننى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، 7تىر قەلئەسىگە، كېيىن يەنە خىۋلار ۋە كەنئانلىقلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە باردى. ئاخىرىدا ئۇلار يەھۇدىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بەئەرشەباغا يېتىپ باردى. 8ئۇلار پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن بولغاندا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 9يوئاب لەشكەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن پادىشاھقا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر سەككىز يۇز مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە بەش يۈز مىڭ ئادەم بار ئىكەن.

پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنى جازالىشى

10داۋۇت لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋىجدانى قاتتىق ئازابلاندى. ئۇ پەرۋەردىگارغا:

_ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئاھ پەرۋەردىگار! قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن! _ دېدى.

11-12ئەتىسى داۋۇت ئورنىدىن تۇرغاندا، داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى گادقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىپ، مۇنداق دېدى: «سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن، مەنكى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن.»

13شۇنىڭ بىلەن گاد، داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ زېمىنلىرىدا يەتتە يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئاي قېچىپ يۈرەملا؟ ياكى بولمىسا زېمىنلىرىدا ئۈچ كۈن ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ بۇلارنى ياخشىراق ئويلاپ كۆرسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرىشىم كېرەك.

14داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. نېمىلا بولمىسۇن ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى. چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.

15شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە ۋابا تارقاتتى. داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان زېمىندا 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى. 16پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا قول كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە:

_ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى.

ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى.

17داۋۇت خەلقنى قىرغان پەرىشتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا:

_ گۇناھ قىلغان مەن، رەزىللىك قىلغان مەن، قويدەك بىگۇناھ بۇ خەلق نېمە گۇناھ قىلدى؟ مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن! _ دېدى.

داۋۇتنىڭ توۋا قىلىپ قۇربانلىق سۇنۇشى

18غايىبنى بىلگۈچى گاد شۇ كۈنى داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:

_ سىز يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىڭ، _ دېدى.

19داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە دەل شۇ يەرگە باردى. 20ئاراۋنا داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھقا تەزىم قىلدى ۋە:

21_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، قانداقلارچە پېقىرلىرىنىڭكىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالدىلىكىن؟ _ دەپ سورىدى،

داۋۇت پادىشاھ:

_ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن سېنىڭ مۇشۇ خامىنىڭنى سېتىۋېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

22_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! نېمىنى خالىسىلىرى شۇنى قۇربانلىق قىلغايلا. مانا، بۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆكۈزلىرىمنى، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختامنى ۋە ئۆكۈزلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرى تۇرۇپتۇ. 23پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پېقىر، ئۆزلىرىگە ئىنئام قىلاي، پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن رازى بولسۇن، _ دېدى ئاراۋنا.

24_ ياق! مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن، بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى پادىشاھ ئاراۋناغا.

شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خامان ۋە ئۆكۈزلەرنى 50 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدى. 25داۋۇت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنى قوبۇل قىلدى، شۇنداق قىلىپ ۋابا ئىسرائىللار ئارىسىدىن يوقالدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى