« يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى بېلىقچى زەبەدىينىڭ ئوغلى يۇھاننادۇر. ئۇ پېترۇس ۋە ئۆز قېرىندىشى ياقۇپ بىلەن بىر قاتاردا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەڭ يېقىن شاگىرتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ كىتابتا ئۆز ئىسمىنى ئىشلەتمەي، ئۆزىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتى دەپ تىلغا ئالغان (13-باب 23-ئايەت). مۇئەللىپ بۇ كىتابنى كىشىلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن يازغان.

مۇئەللىپ كىتابىنى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان «كالام»، يەنى ئادەم تېنىدە ئىنسانلار ئارىسىغا كەلگەن ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى مەلۇماتتىن باشلىغان. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق ھەقىقەتنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بىلەن بىللە بولغان ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تامىقى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە تىرىلىشىنى خاتىرىلىگەن. مۇئەللىپ ھەزرىتى ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن بولغان بىرقانچە قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى تەسۋىرلەش بىلەن كىتابىنى تاماملىغان.

بۇ كىتابتا مۇئەللىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىنى «ھاياتلىق نېنى»، «ھاياتلىق سۈيى»، «دۇنيانىڭ نۇرى»، «ياخشى قويچى»، «يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق»، «ئۈزۈم تېلى» ۋە «ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق بەرگۈچى» دەپ تىلغا ئالغانلىقىنى خاتىرىلەش بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەل ئىنسانلار موھتاج بولغان قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

تېزىس:

  1. كالام _ ھەزرىتى ئەيسادۇر (1-باب 1-ئايەتتىن 18-ئايەتكىچە)
  2. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىشى (1-باب 19-ئايەتتىن 34-ئايەتكىچە)
  3. ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى شاگىرتلىرى (1-باب 35-ئايەتتىن 51-ئايەتكىچە)
  4. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالاھىدە يەتتە مۆجىزىسى (2-بابتىن 11-بابقىچە)
  5. ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى (12-بابتىن 19-بابقىچە)
  6. ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى ۋە شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى (20-، 21-بابلار)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى