« رىملىقلارغا يېزىلغان خەت »

7

نىكاھ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مىسال

1قېرىنداشلار، سىلەر قانۇننى چۈشىنىسىلەر. شۇڭا، شۇنىمۇ ئېسىڭلارغا سېلىپ قويايكى، قانۇن پەقەت ھايات ئادەمگىلا ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ. 2مەسىلەن، ئېرى بار ئايال ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلىنىدۇ. لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، نىكاھ قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 3شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەر بىلەن بىرگە بولسا، بۇزۇق ئايال، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئايال نىكاھ قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ. ئۇ چاغدا، باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ. 4خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. سىلەر ھازىر باشقا بىرىگە باغلاندىڭلار، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيسىلەر. 5بۇرۇن بىز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، بىزنى گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ھەۋەسلىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتۇق. بۇ ھەۋەسلىرىمىز تەۋرات قانۇنىنى بىلىشىمىز بىلەن تېخىمۇ قوزغىلىپ، تېنىمىزدىكى ئەزالارنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، بىز ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلدۇق. 6لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىدىن ئازاد قىلىندۇق. چۈنكى، بىز ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن. بىز كونا ئۇسۇل بويىچە، يەنى تەۋرات قانۇنىغا بۇرۇنقىدەك ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى يېڭى ئۇسۇل بويىچە، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاش ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىمىز.

تەۋرات قانۇنى ۋە گۇناھ

7ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھنىڭ مەنبەسى بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھ تەۋرات قانۇنىدا كۆرسىتىلمىگەن بولسا، مەن قىلمىشلىرىمنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنىدا: «باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېيىلمىگەن بولسا، ئۇنداق قىلىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم. 8لېكىن، گۇناھ تەۋرات قانۇنىنىڭ بۇ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدىكى ھەر خىل ئاچكۆزلۈكلەرنى قوزغىدى. بۇ قانۇن بولمىسا، گۇناھنىڭ بۇنداق كۈچىمۇ بولمايتتى.* 9-10تەۋرات قانۇنىنىڭ مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمدىن رازى بولۇپ، ئۆزۈمنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلاتتىم. لېكىن، تەۋرات قانۇنىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىم بىلەنلا، ئۆزۈمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى ۋە روھىي جەھەتتە ئۆلگەنلىكىمنى ئېنىق بىلدىم. تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارنى ھاياتلىققا يېتەكلەش ئۈچۈن بېرىلگەن. ۋەھالەنكى، بۇ قانۇنغا بويسۇنالمايدىغانلىقىمدىن ئۇنىڭ ماڭا ئۆلۈمنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. 11گۇناھ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىدىن پۇرسەت تېپىپ، مېنى ئازدۇرۇپ، ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى.

12دېمەك، تەۋرات قانۇنى ھەقىقەتەن پاكتۇر. ئۇنىڭدىكى ئەمرلەرمۇ پاك، توغرا ۋە ياخشىدۇر. 13شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ ياخشى قانۇن مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدىمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، ئەنە شۇ گۇناھ بۇ ياخشى قانۇندىكى ئەمرلەردىن پايدىلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى. بىز ئەمدى گۇناھنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇۋالالايمىز. چۈنكى، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمرلەر ئارقىلىق گۇناھنىڭ قانچىلىك قەبىھ ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئىنسان قەلبىدىكى توقۇنۇش

14تەۋرات قانۇنى خۇدادىن چۈشۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق، گۇناھكار تەبىئىتىمنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان مەن بولسام گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىدۇرمەن. 15ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى بىلمەيمەن. چۈنكى، ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن، ئەكسىچە نەپرەتلىنىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن. 16ئەگەر مەن يامان ئىشلارنى قىلىشنى خالىماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇلارنى قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا ۋىجدانىم تەۋرات قانۇنىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. 17شۇڭا، بۇ ئىشلارنى قىلدۇرۇۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ياشاۋاتقان گۇناھ. 18ئىچىمدە، يەنى گۇناھكار تەبىئىتىمدە ياخشىلىقنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن. چۈنكى، ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئىقتىدارىم يوق. 19شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈم نىيەت قىلغان ياخشى ئىشلارنى قىلماي، ئەكسىچە نىيەت قىلمىغان يامان ئىشلارنى قىلىمەن. 20ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلدۇرۇۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ياشاۋاتقان گۇناھتۇر.

21بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇ قانۇنىيەتنى چۈشەندىمكى، ياخشى ئىشلارنى قىلماقچى بولساممۇ، يامانلىق ماڭا ھامان ھەمراھ بولۇپ تۇرغاچقا، مەن يەنىلا يامان ئىشلارنى قىلىمەن. 22خۇدانىڭ قانۇنىدىن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنىمەن. 23بىراق، تېنىمدە باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىن قايىل بولغان قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، تەن ئەزالىرىمنى گۇناھ سادىر قىلدۇرغانلىقتىن، مېنى گۇناھقا ئەسىر قىلىدۇ. 24مەن نېمىدېگەن بىچارە ئادەممەن-ھە! گۇناھنىڭ ئەسىرى بولغان ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟! 25خۇداغا شۈكۈر، خۇدا مېنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ!

مېنىڭ ئەھۋالىم مانا مۇنداق: قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىشنى خالايمەن، لېكىن ئەمەلىيىتىمدە گۇناھكار تەبىئىتىم سەۋەبىدىن گۇناھنىڭ قۇلى بولىمەن.



*8تەۋرات قانۇنى پەقەت ئادەمنىڭ گۇناھىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماستىن، ئۇلارنى گۇناھ قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. چۈنكى، مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقىش ئادەمنىڭ تەبىئىتىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى