« كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت »

3

خۇدا يولىدىكى خىزمەتداشلار

1قېرىنداشلار، مەن ئاراڭلاردا بولغان چېغىمدا، سىلەرگە مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاۋاتقانلارغا تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەلمىدىم. ئەكسىچە، سىلەرگە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتقانلارغا ياكى ئېتىقاد جەھەتتە خۇددى بوۋاقلارغا ئوخشاش ئادەملەرگە سۆزلىگەندەك سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم. 2مەن سىلەرگە بەرگەن تەلىم چوڭلارنىڭ ئوزۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ خۇددى بوۋاقلار ئىچىدىغان سۈتكە ئوخشايدۇ. بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب، سىلەر يىرىك يېمەكلىكنى يېيەلمەيتتىڭلار، ھازىرمۇ يېيەلمەيۋاتىسىلەر. 3چۈنكى، سىلەر تېخىچە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟ 4بىرىڭلار: «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، يەنە بىرىڭلار: «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى» دېسەڭلار، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان كىشىلەردىن نېمە پەرقىڭلار بولسۇن؟

5ئاپوللوس ياكى مەنكى پاۋلۇس سىلەرنىڭ بۆلۈنۈشۈڭلارغا سەۋەب بولغۇدەك مۇھىم كىشىلەردىن ئەمەسمىز. بىز پەقەت خۇدا يولىدا سىلەرنى رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلىشقا باشلايدىغان خىزمەتكارلارمىز. رەببىمىز ھەربىرىمىزگە بىردىن ۋەزىپە بەرگەن. 6مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن ئېتىقاد ئۇرۇقىنى تېرىدىم، ئاپوللوس سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق ئۇنى سۇغاردى، بىراق قەلبىڭلاردىكى ئۇرۇقنى ئۆستۈرگۈچى يەنىلا خۇدادۇر. 7دېمەك، مۇھىمى تېرىغۇچى ياكى سۇغارغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆستۈرگۈچى خۇدادۇر. چۈنكى، پەقەت خۇدالا سىلەرنى ئېتىقاد جەھەتتە پىشىپ يېتىلدۈرەلەيدۇ. 8تېرىغۇچى بىلەن سۇغارغۇچىنىڭ ئىشى ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مەقسىتى بىردۇر ۋە ھەر ئىككىسى قىلغان ئەجرىگە يارىشا خۇدانىڭ ئىنئامىغا ئېرىشىدۇ. 9بىز ئىككىمىز خۇدا ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلار. سىلەر بولساڭلار گويا بىز ئىشلەۋاتقان، خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىزغا ئوخشايسىلەر.

شۇنداقلا، سىلەر يەنە بىز ئارقىلىق سېلىنىۋاتقان خۇدانىڭ ئىمارىتىگە ئوخشايسىلەر. 10مەن خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەت بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇلىنى خۇددى بىر ئۇستا قۇرۇلۇشچىدەك قويدۇم. باشقىلار سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق بۇ ئۇلنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سېلىۋاتىدۇ. بىراق، ھەركىم بۇ ئىمارەتنىڭ توغرا سېلىنىشىغا دىققەت قىلسۇن. 11چۈنكى، ھېچكىم قويۇلۇپ بولغان ئۇلدىن، يەنى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردىن باشقا ھېچقانداق ئۇل قويالمايدۇ. 12بىر كىشى توغرا تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش ياكى باشقا چىداملىق ۋە قىممەتلىك تاشلارنى قويغاندەك ئىش قىلغان بولىدۇ. لېكىن، بىر كىشى نامۇۋاپىق تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ياغاچ، سامان ياكى قومۇشتىن ئىبارەت ئاسان كۆيۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى قويغاندەك ئىش قىلغان بولىدۇ. 13قىيامەت كۈنى، ھەركىمنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى ئاشكارا بولىدۇ. ئۇ كۈنى، ھەممە ئادەمنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قىممىتى ئوتتا سىنىلىدۇ. 14ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قويغان ماتېرىياللىرى ئوتقا بەرداشلىق بېرەلىسە، ئۇ كىشى خۇدادىن ئىنئام ئالىدۇ. 15قويغان ماتېرىياللىرى كۆيۈپ كەتسە، ئۇ ئىنئامدىن مەھرۇم بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇتقۇزۇلىدۇ. لېكىن، ئۇ خۇددى ئوت ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئادەمگە ئوخشايدۇ.

16ئەجەبا، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 17ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدامۇ ئۇنى خاراب قىلىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى خۇداغا بېغىشلانغاندۇر. سىلەر ھەممىڭلار، يەنى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى دەل خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى.

18سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن دانا چاغلاپ، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەرسى خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئۆزىنى دانا دەپ ھېسابلىسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ دانالىقىدىن ۋاز كەچسۇن. بۇنداق بولغاندا، ئۇ گەرچە خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ نەزىرىدە «نادان» دەپ قارالسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرىدە دانا ھېسابلىنىدۇ. 19چۈنكى، خۇدانى تونۇمايدىغانلار نېمىنى دانالىق دەپ ھېسابلىسا، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ خىل «دانالىق» ئەقىلسىزلىقتۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا بۇنداق دانالار توغرىسىدا: «خۇدا ئۆزلىرىنى دانا دەپ سانايدىغانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قاپقىنىغا دەسسىتىدۇ» دەپ يېزىلغان. 20مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يەنە بىر يېرىدە: «خۇدا دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ بىھۇدە خىيال ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ» دەپ يېزىلغان. 21-22شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم: «مەن بۇ كىشى ياكى ئۇ كىشىنىڭ تەرەپدارى» دەپ ماختانمىسۇن. چۈنكى، مەيلى پاۋلۇس، ئاپوللوس ياكى پېترۇسلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، سىلەر ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان كىشىلەردۇر. ھەتتا بۇ دۇنيا، ھايات-ماماتلىق، ھازىر ياكى كەلگۈسى بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر. 23سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە، ئەيسا مەسىھ بولسا خۇداغا مەنسۇپتۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى