ھايۋانلار

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 2- باب

18كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ياردەمچى ھەمراھ يارىتاي» دېدى. 19بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يەردىكى توپىدىن ياراتقان ھەر خىل ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا ئۇلارغا ئىسىم قويسۇن، دەپ كەلتۈردى. ئادەمئاتا ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، شۇنداق ئاتىلىپ كەلدى. 20ئادەمئاتا بارلىق ئۇچارقانات ۋە ھايۋانلارغا ئىسىم قويدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىگە لايىق بولغۇدەك بىرەر ياردەمچى ھەمراھ يوق ئىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 9- باب

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ سەن مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. 2ئەگەر سەن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ، 3سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، چارۋا ماللىرىڭنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئات، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭنى ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار قىلىمەن. 4بىراق، ئىسرائىللارنىڭ چارۋا ماللىرىنى مىسىرلىقلارنىڭكىدىن پەرقلەندۈرىمەن. ئىسرائىللارنىڭ ماللىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمەيدۇ› دەيدۇ» دېگىن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

10ھەققانىي ئادەم ئۆز مال-ۋارىنىنى ئاسرىماي قالماس،

يامان ئادەمنىڭ «رەھىمدىللىكى» زالىملىقتۇر خالاس. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 6- باب

6ئەي ھۇرۇن، ئال چۈمۈلىلەردىن ئۈلگە،

ئەقىل تاپ قاراپ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە.

7يوقتۇر باشلىق، نازارەتچى، ھۆكۈمدار ئۇلاردا.

8لېكىن تەييارلار ئۇلار قىشنىڭ ئوزۇقىنى يازدا،

ئاشلىق توپلار ھوسۇل يىغىش ۋاقتىدا. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 65- باب

25بۆرىلەر بىلەن قوزىلار بىرگە ئوزۇقلىنىدۇ،

شىرمۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ،

يىلاننىڭ ئوزۇقى توپا بولىدۇ،

مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا

ئۇلار ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ چېقىلمايدۇ.»

بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 35- باب

8زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ،

بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ.

ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ،

بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ.

ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.

9بۇ يولدا شىرلار ۋە قورقۇنچلۇق ھايۋانلار يوق.

ئۇلارنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ.

پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەرلا بو يولدا ماڭالايدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 43- باب

19قاراڭلار، مەن يېڭى بىر ئىش قىلماقچى.

بۇ ئىش ئەمدىلا يۈز بېرىشكە باشلاندى، ئەجەبا سىلەر ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟

مەن چۆللۈكتە يول ياسايمەن،

قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن.

20چۆللۈكلەردىكى ياۋايى ھايۋانلار ماڭا شۈكۈر ئېيتىدۇ،

ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىلبۆرە ۋە تۆگە قۇشلارمۇ بار.

چۈنكى مەن چۆللۈكتە بۇلاقلارنى پەيدا قىلىمەن،

قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن.

بۇلاردىن مەن تاللىغان خەلقىم سۇ ئىچىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يۇنۇس » 4- باب

11مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بىر يۈز يىگىرمە مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

24قاغىلارنى ئويلاڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. خۇدا ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر شۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 8- باب

19يارىتىلغان پۈتكۈل مەۋجۇدات خۇدانىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئايان قىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى