سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 24- باب

4ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھوشيار بولۇڭلار. 5چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ مەن بولىمەن» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. 6سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس. 7بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ئاچارچىلىق ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ. 8مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقىنىڭ باشلانغىنىغا ئوخشايدۇ.

9ئۇ چاغدا، كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن پۈتكۈل مىللەتلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. 10ئۇ چاغدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. 11نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. 12رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇيدۇ. 13لېكىن، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ. 14خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، ئاندىن زامان ئاخىرى كېلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 13- باب

19چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر خۇدا ئالەمنى ياراتقاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ. 20پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسىدى، ھېچكىم قۇتۇلالمايتتى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئۆزى تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئازايتقان. 21ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. 22چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار خۇدا تاللىغانلارنى مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى. 23شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىش بىلەن، سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم.

24_ ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن،

«قۇياش قارىيىپ،

ئاي يورۇقلۇق بەرمەس،

25يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ،

ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»

26ئۇ چاغدا، كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ زور كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 27ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى ئالەمنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 21- باب

25_ مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ. 26ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانلار دۇنياغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ئېسىگە ئېلىپ، ۋەھىمە ئىچىدە غال-غال تىترەپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ. 27ئۇ چاغدا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر.

28شۇڭا، بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سىلەر بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى بۇ، سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارغا ئاز قالدى دېگەنلىكتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 1- باب

6خۇدا ئادىلدۇر. ئۇ سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ. 7شۇنداقلا، رەببىمىز ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلەر ۋە يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئەرشتىن قايتا كەلگەن چاغدا، خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن سىلەرگە ۋە بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ. 8شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ. 9بۇنداق كىشىلەرنىڭ جازاسى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار رەببىمىزدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. 10ئۇ ۋاقىتتا، رەببىمىز ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە مەدھىيىلىنىدۇ. شۇنداقلا، سىلەرمۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، رەببىمىزنى مەدھىيىلىگەنلەر ئارىسىدا بولىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

8قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، رەببىمىز ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا، ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر كۈن مىڭ يىلدەك، مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر. 9رەببىمىز ھەرگىزمۇ بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۆزىنىڭ قايتا كېلىشى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى كېچىكتۈرگىنى يوق. بەلكى، ئۇ سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىش سەۋەبىدىن تېخى قايتا كەلمىدى. خۇدا ھېچكىمنىڭ مەڭگۈ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ.

10لېكىن، رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ. 11ھەممە نەرسە مانا شۇنداق يوقىلىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ سىلەر پاك ياشاپ، خۇدا يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك. 12سىلەر قىيامەت كۈنىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن بار كۈچۈڭلار بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلىڭلار. ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمان كۆيۈپ تۈگەيدۇ، ئاسمان جىسىملىرىمۇ شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ يوقايدۇ. 13لېكىن، بىز خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ئۇ يەردە پەقەت ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغانلارلا ياشىيالايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 20- باب

11ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى. 12مەن يەنە ئۆلۈكلەرنى كۆردۈم. كاتتا ياكى ئەرزىمەس بولسۇن، ھەممىسى تەختنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. كىتابلار ئېچىلدى. «ھاياتلىق دەپتىرى» دېيىلگەن يەنە بىر كىتابمۇ ئېچىلدى. ئۆلۈكلەر كىتابلاردا خاتىرىلەنگەنلەر بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. 13دېڭىز ئۆزىدىكى ئۆلۈكلەرنى، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىمۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلۈكلەرنى تاپشۇرۇشتى. ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. 14ئاندىن، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارى ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا بۇ ئوت دېڭىزى ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر. 15ئىسمى ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 21- باب

1ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم، چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن غايىب بولغانىدى. دېڭىزمۇ يوقالغانىدى. 2مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدا نازىل قىلغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن خۇددى ئۆز يىگىتىگە پەردازلىنىپ ھازىرلانغان قىزدەك چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 3تەختتىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ، 4ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر