« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

45

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىشى

1-2يۈسۈپ ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، خىزمەتكارلىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقىپ تۇرۇشىنى بۇيرۇدى. ئۇ قېرىنداشلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى-دە، شۇنداق قاتتىق يىغلىدىكى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆينىڭ سىرتىدىكىلەرمۇ ئاڭلىدى ۋە ئاڭلاپ قېلىپ، بۇ خەۋەرنى تېزدىن پادىشاھقا يەتكۈزدى.

3يۈسۈپ ئىبرانىي تىلىدا قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام سالامەتمۇ؟

بۇ گەپنى ئاڭلىغان قېرىنداشلىرى ھودۇقۇپ كەتكىنىدىن گەپ قىلالماي تۇرۇپلا قالدى. 4يۈسۈپ ئۇلارنى ئالدىغا چاقىردى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، مۇنداق دېدى:

_ مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن. 5لېكىن، سىلەر بۇ ئىش ئۈچۈن ئەنسىرەپ، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار. خۇدا خەلقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مېنى ئاۋۋال بۇ يەرگە ئەۋەتكەن. 6بۇ يەردىكى قەھەتچىلىككە ئەمدى ئىككى يىل بولدى. يەنە بەش يىلغىچە تېرىقچىلىق قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، ھوسۇل ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. 7شۇڭا، سىلەرنىڭ نەسلىڭلارنى ساقلاپ قېلىش ھەم ھاياتىڭلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، خۇدا چوڭ مۆجىزە كۆرسىتىپ مېنى بۇ يەرگە ئاۋۋال ئەۋەتتى. 8دېمەك، مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پادىشاھنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە ئولتۇرغۇزۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلدى.

9سىلەر ئاتامنىڭ يېنىغا تېزدىن بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئوغلىڭىز يۈسۈپ: ‹خۇدا مېنى پۈتۈن مىسىر دۆلىتىنىڭ باش ۋەزىرى قىلىپ تىكلىدى. سىز ئەمدى كېچىكمەي، بۇ يەرگە تېزدىن يېتىپ كېلىڭ. 10ئوغۇل-قىزلىرىڭىز، نەۋرىلىرىڭىز، قوي-كالىلىرىڭىز ۋە باشقا پۈتۈن تەئەللۇقاتىڭىزنى ئەكېلىپ، گوشەن ۋىلايىتى ئەتراپىدا ماڭا يېقىن ئولتۇرۇڭ. 11سىزنىڭ پۈتۈن ئائىلە ۋە مال-ۋارانلىرىڭىز بىلەن ئاچلىقتىن مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن، مەن سىزنى باقىمەن. چۈنكى، قەھەتچىلىك يەنە بەش يىل داۋاملىشىدۇ!› دېدى» دەڭلار، _ دېدى.

12يۈسۈپ يەنە:

_ مانا، مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى سىلەر ھەممىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، بىنيامىن سەنمۇ، كۆردۈڭ. 13ئاتامغا مىسىردىكى ھۆرمىتىمنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىنى ئېيتىڭلار ۋە كۆرگەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

14ئۇ ئىنىسى بىنيامىننى قۇچاقلاپ، يەنە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئىنىسىمۇ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قاتتىق يىغلىدى. 15ئاندىن، ئۇ يىغلىغان پېتى ئاكىلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى.

16يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا يېتىپ كەلگەندە، پادىشاھ ۋە خىزمەتكارلىرى ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. 17پادىشاھ يۈسۈپكە:

_ قېرىنداشلىرىڭغا ئېيت، ئۇلاغلىرىغا مال ئارتىپ، دەرھال كەنئانغا قايتىپ بېرىپ، 18ئاتاڭ بىلەن بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلسۇن. مەن ئۇلارغا مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى زېمىنىنى بېرىمەن. ئۇلار بۇ يەردە باياشات تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولسۇن. 19ئۇلارغا يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قوي: «ئۇلار ئاتاڭنى ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، مىسىردىن ھارۋا ئالغاچ كەتسۇن. 20ئۇلار ئۇ يەردىكى تەئەللۇقاتىنى ئويلىمىسۇن، چۈنكى مىسىر زېمىنىنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرى ئۇلارنىڭ بولىدۇ»، _ دېدى.

21ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى بۇ سۆزگە بىنائەن ئىش قىلدى. يۈسۈپ پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارغا ھارۋا ۋە يولغا يېتەرلىك ئوزۇق تەييارلاپ بەردى. 22ئۇ يەنە ھەربىر ئاكىسىغا بىر قۇردىن يېڭى كىيىم سوۋغات قىلدى. بىنيامىنغا بولسا بەش قۇر كىيىم بىلەن ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە بەردى. 23ئۇ ئاتىسىغا ئون ھاڭگا ئېشەككە مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى، يەنە ئون مادا ئېشەككە ئاتىسىنىڭ مىسىرغا كېلىش يولىدا ئىستېمال قىلىشىغا ئاشلىق، نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئارتىپ بەردى. 24ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىش ئالدىدا ئۇلارغا يولدا جېدەل-ماجىرا چىقارماسلىقنى تاپىلىدى.

25ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، كەنئانغا _ ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. 26ئۇلار ئاتىسىغا:

_ يۈسۈپ ھايات ئىكەن! مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بوپتۇ! _ دېدى.

ياقۇپنىڭ تەنلىرى جۇغۇلداپ كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. 27لېكىن، ئۇ ئۇلاردىن يۈسۈپنىڭ ئېيتىپ بەرگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەمدە يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلىرىنى كۆرۈپ، ئەس-ھوشىغا كەلدى. 28ئۇ:

_ بولدى! ئوغلۇم يۈسۈپنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئەمدى ئىشەندىم! كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا بېرىپ ئۇنى كۆرەي! _ دېدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى