« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

37

يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى

1ياقۇپ ئۆز ئاتىسى تۇرغان كەنئان رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 2تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئائىلىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر.

يۈسۈپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ھەمىشە ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھاھ ۋە زىلپانىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەملىشىپ، قوي باققىلى چىقاتتى. ئۇ ئاكىلىرىنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرىنى ئاتىسىغا مەلۇم قىلىپ تۇراتتى. 3ئىسرائىل يۈسۈپنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، يۈسۈپ ئۇنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى ئىدى. ئىسرائىل يۈسۈپكە بىر ئالا تون تىكتۈرۈپ بەردى. 4ئاتىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ئارتۇق كۆرىدىغانلىقىنى سەزگەن ئاكىلىرى يۈسۈپكە شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلاتتىكى، ھەتتا ئۇنىڭغا سىلىق گەپمۇ قىلمايتتى.

5بىر كۈنى يۈسۈپ چۈش كۆرۈپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. 6ئۇ:

_ قۇلاق سېلىڭلار! كۆرگەن چۈشۈمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. 7بىز ھەممەيلەن ئېتىزدا بۇغداي باغلاۋاتقۇدەكمىز. مېنىڭ باغلىغان بۇغدىيىم تىكلىنىپ تۈز تۇرغۇدەك، سىلەرنىڭ باغلىغانلىرىڭلار مېنىڭكىنىڭ ئەتراپىدا بېشىنى ئېگىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى.

8ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن:

_ سەن پادىشاھ بولۇپ، بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. يۈسۈپ چۈشىنى ئاكىلىرىغا ئۆرۈپ بەرگەنلىكىدىن، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى.

9كېيىن، يۈسۈپ يەنە بىر چۈش كۆرۈپ، ئۇنىمۇ ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارغا:

_ مەن يەنە بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە قۇياش، ئاي، ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى.

10يۈسۈپ بۇ چۈشنى ئاتىسىغىمۇ ئېيتىپ بەردى. ئاتىسى ئۇنى ئەيىبلەپ:

_ قانداق چۈش بۇ؟ سەن ئاناڭ، ئاكىلىرىڭ ۋە مېنىڭ ساڭا باش ئېگىپ تەزىم قىلىشىمىزنى ئويلامسەن؟ _ دېدى.

11بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەسەت قىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن، ئاتىسى بۇ ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.

يۈسۈپنىڭ مىسىرغا سېتىلىشى

12بىر كۈنى، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى شەكەمدىكى يايلاققا ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى بارغانىدى.

13ئىسرائىل يۈسۈپكە:

_ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە قوي بېقىۋاتىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ يوقلاپ كەلگىن، _ دېدى.

_ ماقۇل، باراي، _ دەپ جاۋاب بەردى يۈسۈپ.

14ئاتىسى ئۇنىڭغا:

_ سەن ئاكىلىرىڭنىڭ ۋە پادىلارنىڭ ئامان-ئېسەن ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ كېلىپ، ماڭا خەۋەر قىلغىن، _ دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاتىسى ھىبرون جىلغىسىدىن ئۇنى يولغا سالدى.

يۈسۈپ شەكەمگە بېرىپ، 15دالادا ئاكىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەندە، بىر كىشى ئۇنى كۆرۈپ:

_ كىمنى ئىزدەيسەن؟ _ دەپ سورىدى.

16_ ئاكىلىرىمنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ قەيەردە قوي بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، _ دېدى ئۇ.

17ئۇ كىشى:

_ ئۇلار كېتىپ قالدى. ئۇلارنىڭ دوتانغا بارماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى.

18ئۇلار يۈسۈپنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇ يېتىپ كەلگۈچە مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. 19ئۇلار ئۆزئارا:

_ ھېلىقى چۈش پىرى كەپتۇ. 20مۇنداق قىلايلى! بىز ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ، يىرتقۇچ ھايۋان يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. قېنى، ئۇنىڭ چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى بىر كۆرەيلى، _ دېيىشتى.

21ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى ئاڭلىغان رۇبېن يۈسۈپنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولۇپ:

_ ئۇنى ئۆلتۈرسەك بولمايدۇ! 22ئۇنى زەخىملەندۈرمەي، چۆلدىكى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن بۇ قۇدۇققا تاشلىۋەتسەكلا بولدى، _ دېدى.

ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى مەقسەت، كېيىن يۈسۈپنى بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بېرىش ئىدى.

23-24يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىش بىلەنلا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇچىسىدىكى ئالا تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى بىر سۇسىز قۇدۇققا تاشلىۋەتتى.

25ئۇلار تاماققا ئولتۇرغىنىدا، بىر توپ ئىسمائىل قەبىلىسىدىن بولغان سودىگەرلەر كارۋىنىنىڭ گىلئادتىن مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمان، مەلھەم ۋە مۇرمەككىلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. 26يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىغا:

_ بىزنىڭ ئۆز ئىنىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايىتىمىزنى يوشۇرۇشىمىزنىڭ پايدىسى نېمە؟ 27ئۇنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئۆلتۈرگىنىمىزدىن كۆرە، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتكىنىمىز تۈزۈك. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن بىزنىڭ ئىنىمىز، بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز، _ دېدى. قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قوشۇلدى. 28شۇڭا، مىدياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە باھالىشىپ، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتتى. بۇ كىشىلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.

29يۈسۈپ سودىگەرلەرگە سېتىلغاندا، رۇبېن يوق ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، يۈسۈپنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئېچىنغان ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىپ، 30قېرىنداشلىرى تۇرغان يەرگە بېرىپ:

_ يۈسۈپ يوق تۇرىدۇ! ئۆيگە قانداق بارىمەن؟ _ دېدى.

31بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆچكىدىن بىرنى بوغۇزلاپ، يۈسۈپنىڭ ئالا تونىنى ئۆچكىنىڭ قېنىغا مىلەپ، 32ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ:

_ بىز بۇ ئالا توننى تېپىۋالدۇق، بۇ يۈسۈپنىڭمۇ قانداق؟ _ دېدى.

33ياقۇپ بۇ توننى تونۇپ:

_ بۇ مېنىڭ ئوغلۇمنىڭغۇ! ئۇ جەزمەن يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بوپتۇ! _ دېدى.

34ياقۇپ ھەسرەتتە كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەم كىيىمىنى كىيىپ، ئوغلى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ھازا تۇتتى. 35ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، قوبۇل قىلمىدى. ئۇ:

_ مەن تاكى ئۆلگۈچە، ئوغلۇمغا ھازا تۇتىمەن! _ دېدى.

ئۇ ئوغلى يۈسۈپ ئۈچۈن داۋاملىق ھەسرەت چەكتى.

36شۇ ئارىلىقتا، مىدياندىن كەلگەن ھېلىقى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئاپىرىپ، ئۇنى پادىشاھنىڭ بىر ئەمەلدارى _ ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا سېتىۋەتكەنىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى