« نەخەمىيا »

1

نەخەمىيانىڭ يېرۇسالېمغا كۆڭۈل بۆلۈشى

1تۆۋەندە پۈتۈلگەنلەر خاكاليانىڭ ئوغلى نەخەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر.

پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھاكىمىيەت تۇتقان 20-يىلى كەچ كۈزنىڭ كىسلاۋ ئېيىدا* ، مەنكى نەخەمىيا سۇزا شەھىرىنىڭ قەلئەسىدە تۇراتتىم. 2قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان خانانى بىرنەچچە كىشىلەر بىلەن يەھۇدىيەدىن كەلدى. مەن ئۇلاردىن سۈرگۈندىن قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلار ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سورىدىم. 3ئۇلار ماڭا، سۈرگۈندىن يەھۇدىيە رايونىغا قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا ھەمدە خورلۇققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنىڭ يەنىلا خارابلىقتا ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

4-5مەن بۇلارنى ئاڭلاپ كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەن ھالدا ئولتۇرۇپ قالدىم. كۈنلەپ ھەسرەتتە يۈرۈپ، روزا تۇتتۇم ھەمدە ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم:

«ئى پەرۋەردىگار، ئەرشئەلادىكى خۇدا! سەن ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا بەرگەن مەڭگۈ مېھىر-مۇھەببەتلىك ئەھدەڭدە تۇرىسەن. 6مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، خىزمەتكارىڭ بولغان ماڭا نەزەر سېلىپ، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ھەتتا مەن ۋە ئەجدادلىرىممۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۇق. 7بىز رەزىللىك بىلەن ساڭا قارشى چىقتۇق. بىز خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ئەمر-پەرمان ۋە تۈزۈملىرىڭگە رىئايە قىلمىدۇق. 8مۇسا پەيغەمبەرگە ئېيتقانلىرىڭنى يادىڭدا تۇتقايسەن: ‹سىلەر ئىسرائىللار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلساڭلار، سىلەرنى يات خەلقلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن، 9لېكىن، مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا بويسۇنۇپ، شۇ بويىچە ياشىساڭلار، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چېچىۋېتىلگەن بولساڭلارمۇ، ئۆزۈم سىلەرنى تاللىغان ۋە نامىم ئۇلۇغلىنىدىغان جايغا يىغىۋالىمەن.›

10سەن زور قۇدرىتىڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغان كىشىلەر سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ ھەم خەلقىڭدۇر. 11ئى ئىگەم! خىزمەتكارىڭنىڭ ۋە نامىڭنى شەرەپلەشتە خۇشاللىق تاپقان خىزمەتكارلىرىڭنىڭ دۇئايىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولۇشۇمنى ئورۇنداپ بەرگەيسەن!»

شۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى* ئىدىم.



*1ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرى 446-يىلىنىڭ 11-ياكى 12-ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.

*11باش ساقىي _ پادىشاھ بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان، مەرتىۋىسى يۇقىرى خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى