« نەخەمىيا »

7

1سېپىل پۈتۈپ، دەرۋازىلارغا قاناتلار ئورنىتىلىپ بولغانىدى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى ۋە باشقا لاۋىيلار خىزمەتلەرگە تەقسىم قىلىندى. 2مەن يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قېرىندىشىم خانانىنى ۋە ئىشەنچلىك، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىخلاسمەن قورغان قوماندانى ھانانيانى تەيىنلىدىم. 3مەن ئۇلارغا:

_ يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنى چىڭقىچۈشتە ئاچماڭلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا تاقاقلار سېلىنىپ دەرۋازىلار ئېتىلسۇن! يېرۇسالېم ئاھالىسىدىن بەزىلەرنى قاراۋۇللۇققا، بەزىلەرنى ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىنى چارلاشقا مۇھاپىزەتچىلىككە تەيىنلەڭلار! _ دېدىم.

سۈرگۈندىن قايتقانلارنىڭ تىزىملىكى

4بۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېم ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئاھالىسى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۆيلەرمۇ ئانچە چۈشمىگەنىدى. 5خۇدا مېنىڭ جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىمنى كۆڭلۈمگە سالدى. مەن بىرىنچى تۈركۈم سۈرگۈندىن يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ نەسەبنامە خاتىرىسىنى تاپتىم. ئۇنىڭدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن:

6مانا بۇ بابىلدىكى ئەسىردىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكى. نىبۇكادنەزەر پادىشاھ بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا پالىغانىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى. 7زىرۇببابەل، يېشۇۋا، نەخەمىيا، ئازاريا، رائاميا، ناخامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، نىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدى.

سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل ئەرلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:

8پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى

9شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى

10ئاراخ جەمەتىدىن 652 كىشى

11پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2818 كىشى

12ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى

13زاتتۇ جەمەتىدىن 845 كىشى

14زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى

15بانى جەمەتىدىن 648 كىشى

16بېباي جەمەتىدىن 628 كىشى

17ئازگاد جەمەتىدىن 2322 كىشى

18ئادونىقام جەمەتىدىن 667 كىشى

19بىگۋاي جەمەتىدىن 2067 كىشى

20ئادىن جەمەتىدىن 655 كىشى

21ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى

22خاشۇم جەمەتىدىن 328 كىشى

23بېزاي جەمەتىدىن 324 كىشى

24خارىف جەمەتىدىن 112 كىشى

25گىبئون جەمەتىدىن 95 كىشى

26بەيتلەھەملىكلەر ۋە نىتوفالىقلاردىن 188 كىشى

27ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى

28بەيت-ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى

29قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى

30راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى

31مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى

32بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 123 كىشى

33نىبولۇقلاردىن 52 كىشى

34ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى

35خارىملىقلاردىن 320 كىشى

36ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى

37لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 721 كىشى

38سىنائالىقلاردىن 3930 كىشى.

39روھانىيلاردىن:

يىدايا جەمەتىدىن (يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى

40ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى

41پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى

42خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى.

43لاۋىيلاردىن:

يېشۇۋا جەمەتىدىن (قادمىئېل ۋە ھودىۋا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى

44ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى ئاساف جەمەتىدىن 148 كىشى

45ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىدىن 138 كىشى.

46ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى جەمەتىدىن:

زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،

47قېروس، سىئە، پادون،

48لىبانا، خاگابا، شالماي،

49خانان، گىددېل، گاخار،

50رىئايا، رىزىن، نىقودا،

51گاززام، ئۇززا، پاسېياخ،

52بېساي، مىئۇنىم، نىفۇشىسىم،

53باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر،

54بازلىت، مىخىدا، خارشا،

55بارقوس، سىسىرا، تەماخ،

56نىزىياخ ۋە خاتىفالار.

57سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرى جەمەتىدىن:

سوتاي، سوفەرەت، پىرىدا،

58يالا، دارقون، گىددېل،

59شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامونلار.

60ئىبادەتخانا ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 392 كىشى.

61تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددون ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى. 62بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 642 كىشى ئىدى.

63خاباييا، ھاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي بولسا گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى. 64بۇ روھانىيلار ئۆز نەسەبنامىسىنى ئىزدىنىپ، جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلىق ئورنىدىن ئورۇن ئالالمىدى. 65يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا، «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى* ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، خۇداغا ئاتالغان يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكىنى يېمەسلىكنى بۇيرۇدى.

66يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى بولدى. 67سانالماي قالغانلاردىن 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 245 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە 68ئۇلارنىڭ 736 ئات، 245 قېچىر، 69435 تۆگە ۋە 6720 ئېشىكىمۇ بار ئىدى.

70بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلىشقا ئىئانە قىلدى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى 1000 ئالتۇن تەڭگە، 50 دانە داس، 530 قۇر روھانىي تونى بەردى. 71باشقا جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇش مالىيەسىگە 20,000 ئالتۇن تەڭگە ۋە 1320 كىلو كۈمۈش بەردى. 72قالغان خەلق 20,000 ئالتۇن تەڭگە، 1200 كىلو كۈمۈش ۋە 67 قۇر روھانىي تونى بەردى.

73بارلىق ئىسرائىللار، يەنى روھانىيلار، لاۋىيلاردىن ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى ھەم خىزمەتكارلىرى ۋە ئايرىم كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى.

ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولدى.



*65كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىزدىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەك بولۇشى مۇمكىن. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش»، بۇ يەردە «بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس»، بۇ يەردە «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى