خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 28- باب

13روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان،

رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

43_ سىلەر «قوشناڭنى سۆي، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 44لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. 45شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياش نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ، يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 4- باب

7-8ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن، شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى.

شۇ چاغدا، سامارىيىلىك بىر ئايال سۇغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ماڭا بىرئاز ئۇسسۇلۇق بەرگەيسىز، _ دېدى.

9يەھۇدىيلارنىڭ سامارىيىلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئايال:

_ ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرۇپ، مەندەك سامارىيىلىك ئايالدىن قانداقلارچە سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ _ دەپ سورىدى.

10ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.

11ئايال:

_ تەقسىر، قۇدۇق چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تارتىدىغان ئەسۋابلار يوق تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن تاپالايسىز؟ 12بۇ قۇدۇقنى ئەجدادىمىز ياقۇپ كولىغان. ئۇنىڭدىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن. ئەجەبا، سىز بۇ سۇدىنمۇ ياخشى سۇ بېرىمەن دەپ، ئۆزىڭىزنى ئەجدادىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغ دېمەكچىمۇ؟! _ دەپ سورىدى.

13ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

_ بۇ سۇنى ئىچكەنلەر يەنە ئۇسسايدۇ. 14ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ.

15_ تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىز. شۇ سۇ بىلەن تەشنالىقىمنى قاندۇرۇپ، قۇدۇققا ئىككىنچى كەلمەيدىغان بولاي، _ دېدى ئايال.

16ھەزرىتى ئەيسا:

_ بېرىپ ئېرىڭىزنى باشلاپ كېلىڭ، _ دېدى.

17_ ئېرىم يوق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.

_ ئېرىم يوق دەپ، راستىنى ئېيتتىڭىز. 18بەش ئەرگە تەگكەنىدىڭىز، ھازىر سىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ئادەم ئېرىڭىز بولمايدۇ. بۇنى توغرا ئېيتتىڭىز! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

19_ تەقسىر، ئەمدى چۈشەندىم، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز! [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 3- باب

16چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

10ئوغرى بولسا ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئادەملەر ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە ئۇ ھاياتلىق مول بولسۇن، دەپ كەلدىم. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

6بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. 7دۇرۇس ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى ناتايىن. لېكىن، ئالاھىدە ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن. 8ئەيسا مەسىھ بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدىلا، بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى. مانا بۇ ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 8- باب

35ھېچكىم بىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ھەرقانداق قىيىن ئەھۋال، جاپا-مۇشەققەت، زىيان-زەخمەت، ئاچ-يالىڭاچلىق ۋە خېيىمخەتەر، ھەتتا قىلىچمۇ بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! 36خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«سېنى دەپ كۈن بويى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرۇۋاتىمىز

سويۇلىدىغان قويلار ئورنىدا قارىلىۋاتىمىز.»

37لېكىن، بىزنى سۆيىدىغان خۇدانىڭ كۈچى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىمىز. 38شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئۆلۈم ياكى ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر ياكى جىن-شەيتانلار بولسۇن، ھازىرقى ياكى كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق ئىشلار بولسۇن، ياكى روھلار دۇنياسىدىكى ھەرقانداق كۈچلەر بولسۇن، 39ياكى پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان باشقا ھەرقانداق بىر شەيئى بولسۇن، مەيلى بىز ئېگىز ئاسماندا ياكى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدە بولايلى، بىزنى خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 2- باب

20ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 3- باب

18-19بۇ ئارقىلىق سىلەر خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر مول، زور، چوڭقۇر ۋە چەكسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيسىلەر. گەرچە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھەسسىلەپ ھالقىپ كەتكەن بولسىمۇ، سىلەر بۇنى تونۇپ يەتكەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ مول كامالىتى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

16بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 4- باب

7قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىن كېلىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ. 8مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. 9خۇدا بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتتى. 10ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت بىزنىڭ خۇداغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدۇر. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆز ئوغلىنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى