خوجايىنلىق

تەۋرات، « يەشايا » 24- باب

1قاراڭلار! پەرۋەردىگار زېمىننى گۇمران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ.

ئۇ يەر يۈزىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ.

2روھانىيلار ۋە خەلقلەر،

خوجايىنلار ۋە قۇللار،

ئاغىچا خېنىملار ۋە دېدەكلەر،

ساتقۇچىلار ۋە ئالغۇچىلار،

قەرز بەرگۈچىلەر ۋە قەرز ئالغۇچىلار،

ھەركىم شۇ كۈننى كۆرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

42بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت سورىسا، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

30بىرسى سىلەردىن بىرنېمە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلارنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

28مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ نەزىرىدە باراۋەر بولدۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 6- باب

4ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار.

5ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا خۇددى ئەيسا مەسىھكە بويسۇنغاندەك چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چىن قەلب بىلەن بويسۇنۇڭلار. 6خوجايىنىڭلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە ئۇلارغا خىزمەت قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە چىن دىلىڭلاردىن ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك. 7خوجايىنىڭلارغا رازىمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. ئۇنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار. 8ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەيلى قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، رەببىمىز ھەركىمنىڭ قىلغان ھەربىر ياخشىلىقىنى قايتۇرىدۇ.

9ئەي خوجايىنلار، سىلەرمۇ قۇللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. ئۇلارغا تەھدىت سالماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى خۇدا سىلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭمۇ خوجايىنى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 4- باب

1ئەي خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغا توغرا ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭمۇ ئەرشتە خوجايىنىڭلار بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

9-10نامرات ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولسۇن. باي ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى كەمتەر تۇتقۇزغانلىقىدىن خۇشال بولسۇن. چۈنكى ئۇلار شۇنى بىلسۇنكى، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى خۇددى ياۋا ئوت-چۆپلەردىكى چېچەكلەردەك تېز ئاخىرلىشىدۇ. 11كۈن قىزىغاندا بۇ ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ، ئۇنىڭ چېچەكلىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، گۈزەللىكى يوقىلىدۇ. باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى