سوئال

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 11- باب

1دەسلەپتە، يەر يۈزىدە بىرلا تىل بار ئىدى، ئىنسانلار پەقەت بۇ تىلدىلا سۆزلىشەتتى. 2ئۇلار شەرق تەرەپكە كۆچۈۋاتقىنىدا، بابىلدىكى بىر تۈزلەڭلىككە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 3ئۇلار ئۆزئارا:

_ خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! _ دەپ مەسلىھەتلەشتى.

بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارا ماي ئىشلىتىدىغان بولدى.

4ئاندىن، ئۇلار:

_ بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەردە ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياساپ، ئۆز نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! _ دېيىشتى.

5پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ بىنا قىلىۋاتقان شەھەر ۋە مۇنارىنى كۆرگىلى چۈشتى. 6پەرۋەردىگار:

_ ئۇلار بىرلىشىپ بىر قوۋم بولۇپ، بىر تىلدا سۆزلىشىدىكەن. بۇ پەقەتلا ئۇلار قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ باشلىنىشى! بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلالايدۇ. 7بىز چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ مەقسىتىنى ئۇقالمايدىغان قىلىپ قويايلى، _ دېدى.

8بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىۋەتتى. ئۇلار شەھەر بىنا قىلىش قۇرۇلۇشىنى توختاتتى. 9شۇڭا، بۇ شەھەرنىڭ نامى بابىل [ئاھاڭ جەھەتتە «قالايمىقانچىلىق»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ تىللىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىۋەتكەنىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « دانىيال » 7- باب

13چۈشۈمدە ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسىنىڭ بۇلۇتلار بىلەن ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىرىلدى. 14ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق، شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلىندى. ھەممە خەلق، ھەممە مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەبەدىيدۇر، پادىشاھلىقى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھېچقاچان گۇمران بولمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 2- باب

4ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈپ، ئۇ ئاتا قىلغان ئالاھىدە قابىلىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.

5ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. 6ئۇلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئېتىقادچىلار بار يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىدا سۆزلىشىۋاتقان ئېتىقادچىلارنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قېلىشتى. 7ئۇلار ھەيران بولۇپ:

_ قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلار جەلىلىيىلىكلەر ئەمەسمۇ؟ 8ئۇلار قانداقلارچە بىزنىڭ تىللىرىمىزدا سۆزلىشەلەيدۇ؟ 9ئارىمىزدا پارتىيا، مېدىيا، ئېلام، مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا، 10-11فرىگىيە، پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيىنىڭ كىرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، كرىت ۋە ئەرەبىستاندىن كەلگەنلەرمۇ بار! يەنە رىم شەھىرىدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن باشقا مىللەتلەرمۇ بار. ئەمما، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىزنىڭ تىللىرىمىزدا ماختىغانلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز! _ دېيىشتى.

12ئۇلار تېڭىرقاپ قالغانلىقىدىن ھەيرانلىق بىلەن بىر-بىرىگە:

_ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ _ دېيىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 5- باب

9ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى:

«ئورام يازمىنى ئېلىشقا

ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن.

چۈنكى بوغۇزلاندىڭ

ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن،

ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى

ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 7- باب

9ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى. 10ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن: «نىجاتلىق تەختتە ئولتۇرغان خۇدايىمىزدىن ۋە قوزىدىن كېلىدۇ» دەپ ۋارقىرىشاتتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر