سوئال

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

19ۋالىي پىلاتۇس تاختىغا «ناسىرەلىك ئەيسا _ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىپ، كرېستكە ئاستۇرۇپ قويدى. 20تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە ئۈچ خىل يېزىقتا يېزىلغانلىقى ھەمدە ھەزرىتى ئەيسا مىخلانغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇغانىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 21-22- باب

37لەشكەرلەر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس گرېك تىلىدا قومانداندىن:

_ بىر ئېغىز سۆزۈم بار ئىدى، ئېيتسام بولامدىكىن؟ _ دەپ سورىدى.

_ گرېكچە بىلىدىكەنسەن! 38ئۇنداقتا، ئىلگىرى قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، خەنجەرلىك تۆت مىڭ توپىلاڭچىنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق سەن ئوخشىمامسەن؟ _ دەپ سورىدى قوماندان.

39_ ياق! مەن يەھۇدىي! كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان. شۇ مۇھىم شەھەرنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلسىڭىز! _ دېدى پاۋلۇس.

40قوماندان ئىجازەت قىلدى. پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. كۆپچىلىك تىنچىغاندا، ئۇ ئارامىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى.

1_ ھۆرمەتلىك يەھۇدىي ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلايدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، _ دېدى پاۋلۇس.

2ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئارامىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. پاۋلۇس سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 2- باب

4ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈپ، ئۇ ئاتا قىلغان ئالاھىدە قابىلىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.

5ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. 6ئۇلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئېتىقادچىلار بار يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىدا سۆزلىشىۋاتقان ئېتىقادچىلارنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قېلىشتى. 7ئۇلار ھەيران بولۇپ:

_ قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلار جەلىلىيىلىكلەر ئەمەسمۇ؟ 8ئۇلار قانداقلارچە بىزنىڭ تىللىرىمىزدا سۆزلىشەلەيدۇ؟ 9ئارىمىزدا پارتىيا، مېدىيا، ئېلام، مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا، 10-11فرىگىيە، پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيىنىڭ كىرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، كرىت ۋە ئەرەبىستاندىن كەلگەنلەرمۇ بار! يەنە رىم شەھىرىدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن باشقا مىللەتلەرمۇ بار. ئەمما، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىزنىڭ تىللىرىمىزدا ماختىغانلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز! _ دېيىشتى.

12ئۇلار تېڭىرقاپ قالغانلىقىدىن ھەيرانلىق بىلەن بىر-بىرىگە:

_ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ _ دېيىشتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر