« زەبۇر »

8

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «گىتتىف»تا* ئورۇنلانسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار،

شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار يەر يۈزىدە،

شەرىپىڭنى نامايان قىلدىڭ ئاسمان-پەلەكتە.

2بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدا مەدھىيەلەتتىڭ ئۆزۈڭنى،

يۇمۇش ئۈچۈن دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئېغىزلىرىنى.

3قارىسام مەن بارماقلىرىڭ ئىجاد قىلغان ئاسمانغا _

كۆككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يۇلتۇزلارغا ۋە ئايغا،

4دەيمەن: ئىنسان نېمە ئىدى، سەن ئۇنى ياد ئەتكۈدەك؟

ئادەم نەسلى نېمە ئىدى، شۇنچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟

5پەرىشتىلەردىن ئازراقلا تۆۋەن قىلدىڭ ئورنىنى،

كىيدۈردۈڭ سەن ئۇنىڭغا شان-شۆھرەتنىڭ تاجىنى.

6باشقۇرغۇزدۇڭ ئۇنىڭغا كۈللى جاھاننى،

تىز پۈكتۈردۈڭ ئۇنىڭغا ھەممىنى.

7تىز پۈكەر قوي، كالا، ياۋايى ھايۋانلار،

8ئاسماندىكى ئۇچارقانات، دېڭىزدىكى بېلىقلار،

شۇنداقلا دېڭىزدا ياشىغۇچى ھەممە جانلىقلار.

9ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار،

يەر يۈزىدە شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار.



*گىتتىف _ «گات» شەھىرىدە ئىجاد قىلىنغان بىر خىل ساز ياكى ئاھاڭ بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر چۈشەندۈرۈلۈش بويىچە، بىرەر بايرام ياكى مۇراسىمدا ئېيتىلغان ناخشىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى