« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

4

قابىل بىلەن ھابىل

1ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋائانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. 2كېيىن، ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا دېھقان بولدى.

3ھوسۇل مەزگىلى كەلگەندە، قابىل يەرنىڭ مەھسۇلاتىدىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. 4ھابىلمۇ قوي پادىسى ئىچىدىن تۇنجى تۇغۇلغان قوزىلاردىن سويۇپ، تازا سېمىز يېرىدىن پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلدى. 5بىراق، قابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.

6شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار قابىلغا:

_ نېمىشقا خاپا بولىسەن؟ چىرايىڭ نېمىشقا تۇتۇلۇپ كەتتى؟ 7ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلغان بولساڭ، سېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولاتتىم! بىراق، يامانلىق قىلساڭ، گۇناھ خۇددى ئىشىك ئالدىدا ئېتىلماقچى بولۇپ تۇرغان ياۋا ئىتقا ئوخشاش، سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۇنى يېڭىشىڭ لازىم! _ دېدى.

8كېيىن، قابىل ئىنىسى ھابىلغا:

_ يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! _ دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

9پەرۋەردىگار قابىلدىن:

_ ئىنىڭ ھابىل قېنى؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمىدىم؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

10پەرۋەردىگار كەينىدىنلا ئۇنى:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئىنىڭنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىۋاتقان قېنى ماڭا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. 11سەن ئەمدى لەنەتكە ئۇچرايسەن. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ يەردە تۇرالمايسەن! چۈنكى، سەن ئىنىڭنى ئۆلتۈردۈڭ، يەرگە قان تۆكتۈڭ. 12سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا يۈرىسەن، _ دەپ ئەيىبلىدى.

13بۇنى ئاڭلىغان قابىل پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن بۇنداق ئېغىر جازانى كۆتۈرەلمەيمەن. 14سەن مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ، ھۇزۇرۇڭدىن ھەيدەۋاتىسەن! مەن ئەمدى ئۆي-ماكانسىز، سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن. مېنى كۆرگەنلا كىشى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!

15لېكىن، پەرۋەردىگار:

_ ياق، سېنى ئۆلتۈرگەن كىشى يەتتە ھەسسە قاتتىق جازالىنىدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار قابىلنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پېشانىسىگە ئالاھىدە بەلگە قويۇپ قويدى. 16بۇنىڭ بىلەن، قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىدىكى نود دېگەن جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

قابىلنىڭ ئەۋلادلىرى

17قابىل ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى ھانۇخ قويدى. قابىل بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەرنى ئوغلىنىڭ ئىسمىدا ئاتىدى. 18ھانۇختىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مېھۇيائىل تۆرەلدى، مېھۇيائىلدىن مېتۇشائىل تۆرەلدى، مېتۇشائىلدىن لەمەك تۆرەلدى.

19لەمەك ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئاداھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللە ئىدى. 20ئاداھ يابالنى تۇغدى. يابال كۆچمەن مالچىلارنىڭ بوۋىسى بولدى. 21ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. يۇبال چىلتار ۋە نەي چالغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. 22زىللە تۇبال-قېن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. تۇبال-قېن تۇچ، تۆمۈر جابدۇقلارنى ياسىغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. تۇبال-قېننىڭ نەئىمە ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. 23لەمەك ئىككى ئايالىغا پو ئېتىپ، مۇنداق دېدى:

«ئەي ئاداھ بىلەن زىللە، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي ئاياللىرىم، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!

ماڭا چېقىلغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈردۈم.

مېنى ئۇرغان بىر ياشنى ئۆلتۈردۈم.

24قابىلنى ئۆلتۈرگۈچى يەتتە ھەسسە جازالانسا،

مېنى ئۆلتۈرگۈچى يەتمىش يەتتە ھەسسە جازالىنىدۇ.»

سېت بىلەن ئېنوش

25ئادەمئاتا يەنە ئۆز ئايالى بىلەن بىللە بولۇش نەتىجىسىدە، ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاۋائانا: «خۇدا ماڭا قابىل ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھابىلنىڭ ئورنىغا بىر ئوغۇل بەردى» دېدى. شۇڭا، ئۇ ئىسمىنى سېت [ئاھاڭ جەھەتتە «خۇدا بەردى»] قويدى. 26سېتتىن بىر ئوغۇل تۇغۇلۇپ، ئىسمى ئېنوش قويۇلدى. مانا شۇ چاغدىن باشلاپ، ئادەملەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى