« زەبۇر »

42

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1چاڭقىغان كېيىك تەشنا بولغاندەك ئېقىنلارغا،

تەشنا بولدۇم ساڭا، ئى خۇدا!

2ئىنتىزارمەن ساڭا _ ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇدا،*

قاچانمۇ كۆرەرمەن سېنىڭ چېھرىڭنى، كىرىپ ھۇزۇرۇڭغا؟

3كۆز ياشلىرىم مەن ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز بولدى غىزا،

«قېنى خۇدايىڭ» دېيىشەر رەقىبلىرىم دائىم ماڭا.

4كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمدە:

باراتتىم جامائەت بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە،

كىشىلەرنى باشلايتتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە،

مەدھىيە ئېيتىپ توۋلىشاتتۇق خۇشال بولۇپ شۇ دەمدە.

5ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟!

ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟!

ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى،

خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.*

6ئى ئىلاھىم، غەم باستى كۆڭلۈمنى،

شۇڭا ئەسلەيمەن سېنى،

ئىئوردان زېمىنىدا،

خەرمون ۋە مىزار تاغلىرىدا.

7گۈلدۈرلەپ ئېقىپ چۈشكەن شارقىراتمىلىرىڭدەك،

توختىماي كەلمەكتە بېشىمغا كۈلپەتلىرىڭ،

بېسىپ ئۆتمەكتە مانا ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.

8كۈندۈزى كۆرسىتەر پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى،

كېچىسى ئاتا قىلار ئۇ ماڭا مەن ئېيتىدىغان ناخشامنى،

ھاياتىمنىڭ ئىگىسى خۇداغا بېغىشلىغان مۇناجاتلىرىمنى.

9ئېيتارمەن قورام تېشىم خۇداغا:

ئۇنتۇپ قالدىڭ نېچۈن مېنى؟

نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن،

دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟

10ئۆتتى جېنىمدىن دۈشمەنلىرىمنىڭ تاپا-تەنىلىرى،

دائىم ماڭا: «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشلىرى.

11ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟!

ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟!

ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى،

خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.*



*2ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇدا _ بەزى تەرجىمىلەردە «ھايات خۇدا» دەپ ئېلىنغان.

*5خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى _ بەزى تەرجىمىلەردە «ئۇ مېنىڭ ئىلاھىمدۇر، ئۇ قۇتقۇزار مېنى» دەپ ئېلىنغان.

*11خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى _ بەزى تەرجىمىلەردە «ئۇ مېنىڭ ئىلاھىمدۇر، ئۇ قۇتقۇزار مېنى» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى