« زەبۇر »

33

1ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار شادلىقتا،

ئۇنى مەدھىيەلەش يارىشار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا.

2لىرا* چېلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭلار پەرۋەردىگارغا،

كۈي چېلىڭلار ئون تارلىق چىلتاردا ئاتاپ ئۇنىڭغا.

3يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار بېغىشلاپ خۇداغا،

شادلىق بىلەن ياڭرىسۇن ئاۋازىڭلار،

چېكىڭلار تارىنى يەتكۈزۈپ ۋايىغا.

4چۈنكى، ھەقىقەتتۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى،

ساداقەتلىكتۇر ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى.

5ئۇ سۆيەر ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى،

تولدۇرغاندۇر زېمىنغا مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى.

6يارالدى ئاسمان پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىدا،

يۇلتۇزلار ئۇنىڭ نەپەس تىنىقىدا.

7چەك-چېگرا بېكىتتى ئۇ ئوكيانلارغا،

ساقلىغاندۇر ئۇ سۇلارنى ئامبارلىرىدا.

8ئەيمەنسۇن پەرۋەردىگاردىن جىمى مەخلۇقاتلار،

قورقسۇن ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار.

9چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى،

ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى.

10بىكار قىلار پەرۋەردىگار خۇداسىزلارنىڭ قارارلىرىنى،

يوق قىلار ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى.

11ئەمما مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ قارارلىرى،

ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەمەلگە ئاشار مەقسەتلىرى.

12پەرۋەردىگارنى* خۇدايىمىز دەپ تونۇغانلار بەختلىكتۇر،

پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر.

13ئەرشتىن نەزەر سېلىپ پەرۋەردىگار،

جىمىكى ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرار.

14تەختىدە ئولتۇرۇپ خۇدا،

نەزەر سالار ئىنسانلارغا.

15خۇدا ياراتقاچ ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى،

بىلىپ تۇرار ئۇلارنىڭ جىمى ئىشلىرىنى.

16پادىشاھ غالىب بولالماس قوشۇنىنىڭ بۈيۈكلىكى بىلەن،

پالۋان قۇتقۇزالماس ئۆزىنى كۈچتۈڭگۈرلۈكى بىلەن.

17ئەخمەقلىقتۇر قۇتۇلىمەن دېيىش مەغلۇبىيەتتىن ئات بىلەن،

قۇتقۇزالماس ھېچكىمنى ئات قارا كۈچى بىلەن.

18بەرھەق، خۇدانىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلاردا،

ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردا.

19قۇتقۇزىدۇ ئۇلارنى ئۆلۈمدىن،

ساقلايدۇ ئاچارچىلىقتىن.

20پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتىمىز،

ئۇدۇر بىزنىڭ مەدەتكار، قالقىنىمىز.

21شادلىنار ئۇنىڭدىن قەلبىمىز،

چۈنكى، مۇقەددەس خۇداغا ئىشەنچ باغلىدۇق بىز.

22ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمىز سەندە،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ يار بولغاي بىزگە.



*2لىرا _ قەدىمكى بىر خىل تارلىق چالغۇ ئەسۋاب.

*12پەرۋەردىگار _ بۇ ئايەتتە خۇدانىڭ خاس نامى بولۇپ، ئىبرانىيچە نۇسخىدا «ياھۋەھ» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى