« زەبۇر »

104

1ئەي قەلبىم، ھەمدۇسانا ئېيتقىن پەرۋەردىگارغا!

شان-شەۋكەتلىك، ھەيۋەتلىكسەن، ئى خۇدا،

ئىلاھىم تەڭداشسىزسەن ئۇلۇغلۇقتا.

2لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن،

ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.

3ئەرشتىكى تۇرارگاھىڭ لىملىرىنى

ئورنىتىپسەن كۆكتىكى سۇلارغا،

جەڭ ھارۋىسى كەبى قىلىپ بۇلۇتنى،

ماڭدۇرۇپسەن شامالنىڭ قانىتىدا.

4شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى،

ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى.*

5ئورنىتىپسەن يەرنى شۇنچە مۇكەممەل

ئۇ ئۇلىدىن ھېچبىر زامان تەۋرەنمەس.

6-7دېڭىز يەرنى لىباس كەبى ئورىغان،

چوققىلارمۇ سۇ ئاستىدا قالغانتى.

گۈلدۈرماماڭ ئەيمەندۇرگەچ سۇلارنى،

سۇلار تېزدىن ئۆز ئورنىغا يانغانتى.

8تاغلار كۆرۈنۈپ، ۋادىلارمۇ ئايان بولدى،

سۇلار ھەم سەن بۇيرۇغان يەرگە كېلىپ جايلاشتى.

9دېڭىز سۈيى تېشىپ يەنە باسمىسۇن دەپ زېمىننى،

سەن ئۇلارغا چەك قويۇپ سىزدىڭ چېگرا سىزىقنى.

10-11سەن بولغاچ ۋادىدا بۇلاق كۆزى ئېچىلىپ،

تاغلار ئارا شىلدىرلاپ ئاقتى سۇلىرى.

سۇلار ئىچسە ئۇنىڭدىن دالادىكى جانىۋارلار،

قانار ئىدى ھەتتاكى ياۋا ئېشەكنىڭ تەشنالىقى.

12سۇ بويىغا قۇشلارمۇ كۆكتىن چۈشۈپ قونىدۇ،

دائىم ئۇلار شاخلاردا تاقلاپ يۈرۈپ سايرايدۇ.

13ئەرشتىكى سۇ بىلەن سۇغىرىسەن تاغلارنى،

ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن مېۋىگە تولدۇرىسەن زېمىننى.

14چارۋا ئۈچۈن دالىدا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈردۈڭ،

ئوزۇقىنى ئىنسانلار قارا يەردىن ئالسۇن دەپ،

ئېتىزلاردا زىرائەت-كۆكتاتلارنى ئۆستۈردۈڭ.

15كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا،

قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە،

جىلۋە بەردىڭ مېيىڭ بىلەن يۈزلەرگە.

16لىۋاندىكى كېدىر دەرەخلىرى

پەرۋەردىگار تىككەندۇر ئۇنى،

خۇدا قانغۇچە سۇغىرار ئۇلارنى.

17ئۇ دەرەخلەرگە قۇشلار كېلىپ ئۇۋا ياسار،

ئارچا دەرەخلىرى لەيلەكنىڭ ئۆيى بولار.

18تاغ ئۆچكىلىرى تاغلاردا ئوينار،

تىك قىيا سۇغۇرغا پاناھ بولار.

19ئى خۇدا، پەسىللەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئاينى ياراتتىڭ،

قۇياشقىمۇ پاتىدىغان ۋاقىتنى بىلدۈردۈڭ.

20قاراڭغۇلۇق چۈشۈرسەڭ كېچە بولىدۇ،

ئورمانلاردا جانلىقلار شىپىرلاپ كېزىپ يۈرىدۇ.

21ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۇۋلىشار،

رىزىقلىرىنى ئۇلار، خۇدا سەندىن سورار.

22قۇياش چىقسا ئۇلارمۇ ئۇۋىسىغا قايتار،

قايتىپ كېلىپ ئۇۋىسىدا ئارام ئالار.

23ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىغا مېڭىشار،

ئەتىگەندىن كەچكىچە مېھنەت قىلار.

24پەرۋەردىگار ياراتقان مەخلۇقاتلىرىڭ شۇنچە كۆپتۇر.

سەن ياراتقان جانلىقلار بىلەن تولغاندۇر زېمىن يۈزى،

بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ھېكمىتىڭنىڭ مېۋىسىدۇر.

25ئەنە ئالدىڭدا بىپايان دېڭىز ياتار،

ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز جانلىق ياشار،

ھەم ئۇلارنىڭ چوڭى ۋە كىچىكى باردۇر.

26ئۇندا يەنە سەن ياراتقان لىۋياتان* بار،

ئۈستىدە ئۇنىڭ قېيىق بىلەن كېمە قاتنار.

27ئۇلار سەندىن رىزقى ئۈچۈن ئوزۇق كۈتەر،

ئوزۇق ئۈچۈن جامالىڭغا تەلمۈرەر.

28ئوزۇقىنى ئۇلار سېنىڭ قولۇڭدىن ئالار،

شۇ ئوزۇقتا ئۇلارنىڭ قورسىقى تويار.

29دەككە-دۈككىگە چۈشەر ئۇلار جامالىڭنى يوشۇرغىنىڭدا،

جان ئۈزۈپ قارا يەرگە قايتار، نەپەسلىرىنى توختاتقىنىڭدا.

30سەن ئۆز نەپىسىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە ئۇلار يارىتىلار،

پۈتۈن يەر يۈزى يېڭىلىنار.

31پەرۋەردىگارنىڭ شۆھرىتى ئەبەدىي بولغاي،

پەرۋەردىگار ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولغاي.

32پەرۋەردىگار يەرگە باقسا زېمىن تىترەر،

تاغقا تەگسە ئوتلار يېنىپ، تۈتۈن چىقار.

33ناۋادا جېنىم تەندە بولسىلا

مەدھىيە ئوقۇيمەن خۇدايىمغا،

مەڭگۈ ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ئۇنىڭغا.

34ئويلىرىمدىن خۇدا رازى بولغاي،

چۈنكى پەرۋەردىگاردىن بولدۇم خۇشال،

35گۇناھكارلار يەر يۈزىدە قالمىغاي،

رەزىللەر زاۋال تاپقاي.

ھەمدۇسانا ئېيتقىن ئەي قەلبىم پەرۋەردىگارغا،

ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ھەممىڭلار ئۇنىڭغا.



*4شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى، ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى _ بەزى تەرجىمىلەردە «پەرىشتە قىلىسەن شامالنى، خىزمەتكار قىلىسەن ئوت يالقۇنىنى» دەپ ئېلىنغان.

*26لىۋياتان _ دېڭىزدا ياشايدىغان ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان قورقۇنچلۇق ھايۋان بولۇپ، كەنئانلىقلارنىڭ رىۋايەتلىرىدە ئۇچرايدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى