« يوشۇۋا »

24

يوشۇۋانىڭ ئەھدىنى قايتا بېكىتىشى

1يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشلىقلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە سەردارلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. 2يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا شۇنداق دەيدۇكى: «قەدىمكى زاماندا تەراھ ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناخور بىلەن ئىبراھىم ۋە باشقا ئەجدادىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ياشايتتى، ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇناتتى. 3مەن ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باشلاپ كەنئاننىڭ پۈتۈن زېمىنىنى كېزىپ، ئىسھاقنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئىبراھىمنىڭ ئۇرۇقىنى ئاۋۇتتۇم. 4ئىسھاققا ئىككى ئوغۇل، يەنى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم. مەن سەئىردىكى تاغلىق رايوننى ئەساۋغا بەردىم. لېكىن ياقۇپ ئەۋلادلىرى بىلەن مىسىرغا كەتتى. 5كېيىن مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. 6ئەجدادىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار قىزىل دېڭىزغا كەلدى. مىسىرلىقلار جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار بىلەن ئۇلارنى قىزىل دېڭىزغىچە قوغلاپ كەلدى. 7ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ چاغدا مەن زېمىنغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن ئايرىۋەتتىم ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە دېڭىز سۈيىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتىم. مېنىڭ مىسىرلىقلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى سىلەر ئۆز كۆزىڭلار بىلەن كۆردىڭلار. ئەجدادىڭلار ئۇزۇن ۋاقىت چۆل-باياۋاندا ياشىدى. 8كېيىن مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ باردىم. ئامورلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلغانىدى، لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇردۇم. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇلارنى يوقاتتىم. 9كېيىن موئاب پادىشاھى _ زىپپورنىڭ ئوغلى پادىشاھ بالاق سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. سىلەرگە لەنەت ئوقۇش ئۈچۈن بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرتتى. 10لېكىن مەن بىلئامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم، مەن ئۇنى سىلەرگە بەخت تىلەتكۈزدۇم. شۇنداق قىلىپ سىلەرنى بالاقنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم. 11سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىگە كەلگىنىڭلاردا، ئېرىخالىقلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئامورلار، پەرىززىلەر، كەنئانلىقلار، خىتلار، گىرگاشلار، خىۋلار ھەم يىبۇسلارمۇ سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردىم. 12مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۇلارنى پاراكەندىچىلىككە سېلىپ، ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنى قوغلاپ چىقاردىم. بۇ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئوقيا ئېتىپ، قىلىچ چېپىشىڭلار بىلەن قولغا كەلگەن ئىش ئەمەس. 13مەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىنلارغا سىلەر ئۆز ئەمگىكىڭلار بىلەن ئىگە بولغان ئەمەس. مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ شەھەرلەرنى سىلەر بىنا قىلغان ئەمەس، سىلەر ھازىر ئۇ يەرلەردە ياشاۋاتىسىلەر. سىلەرنىڭ يەۋاتقىنىڭلار ئۆزۈڭلار تىكىپ ئۆستۈرگەن ئۈزۈم ۋە زەيتۇنلار ئەمەس.»

14يوشۇۋا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار! ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى يوقىتىپ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭلارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! 15ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھ ۋە سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ بۈگۈن قارار قىلىڭلار! مەن ۋە ئائىلەم بولسا، پەرۋەردىگارىمىزغا خىزمەت قىلىمىز!

16پۈتۈن خەلق جاۋاب بېرىپ:

_ خۇدا ساقلىسۇن، بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان ئىشنى مەڭگۈ قىلمايمىز! 17پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئەجدادلىرىمىزنى ۋە بىزنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بىز بېسىپ ئۆتكەن بارلىق زېمىنلاردىكى يات خەلقلەردىن بىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ كەلدى. 18پەرۋەردىگار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بۇ يەردە ياشايدىغان بارلىق ئامورلارنى ۋە باشقا يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقاردى. شۇڭا بىز پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز. ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! _ دېيىشتى.

19يوشۇۋا خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ:

_ سىلەر پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشنى ئاددىي ئىش دەپ ئويلىماڭلار. چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشۇڭلارغا قىزغىنىدىغان خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ. 20پەرۋەردىگارىمىز سىلەرگە شۇنچە شەپقەت قىلغان تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلساڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، بېشىڭلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ، _ دېدى.

21پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا:

_ ياق! بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز! _ دېدى.

22يوشۇۋا خەلققە:

_ سىلەر بۈگۈن ئۆز پەرۋەردىگارىڭلارغا خىزمەت قىلىش يولىنى تاللىدىڭلار. بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھتۇرسىلەر، _ دېدى.

_ ھەئە، ئۆزىمىز گۇۋاھ بولىمىز، _ دېدى پۈتۈن خەلق.

23يوشۇۋا ئۇلارغا يەنە:

_ شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئاراڭلاردىكى بارلىق يات خەلقلەرنىڭ بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سادىق بولۇڭلار، _ دەپ خىتاب قىلدى.

24پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا:

_ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىمىز، _ دېدى.

25شۇ كۈنى يوشۇۋا شەكەمدە پۈتۈن خەلققە ۋاكالىتەن پەرۋەردىگار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن قائىدە-نىزاملارنى قايتا بېكىتتى. 26ھەمدە يوشۇۋا بۇ سۆزلەرنى خۇدانىڭ تەلىملىرى يېزىلغان پۈتۈككە كىرگۈزدى. ئاندىن يوشۇۋا بىر قورام تاشنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھى يېنىدىكى پىستە دەرىخى تۈۋىگە ئابىدە قىلىپ تىكلىدى.

27يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە:

_ قاراڭلار، مانا بۇ قورام تاش، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇڭا سىلەر خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭلەردە تۇرمىساڭلار، بۇ تاش سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، _ دېدى.

28كېيىن يوشۇۋا خەلققە ئىجازەت بېرىپ، ھەر قايسىسىنى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا قايتۇردى.

يوشۇۋانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

29شۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى، يەنى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە 110 ياشتا ئىدى. 30ئىسرائىللار ئۇنى ئۆز يۇرتىدا، يەنى گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان ئەفرايىم تاغلىق رايوندىكى تىمنات-سەراخقا دەپنە قىلدى.

31يوشۇۋا ھايات ۋاقتىدا، ئىسرائىللار سادىقلىق بىلەن پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ كەلدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن ھەممە ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاقساقاللار ھايات ۋاقتىدىمۇ، ئىسرائىللار داۋاملىق پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ كەلدى.

32ئىسرائىللار مىسىردىن ئېلىپ چىققان يۈسۈپنىڭ سۆڭىكىنى شەكەمدە، يەنى ياقۇپ بۇرۇن شەكەمنىڭ ئاتىسى خامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن 100 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان يەرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىندا ئىدى.

33ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى گىبئاھ شەھىرىگە دەپنە قىلىندى. بۇ شەھەر ئۇنىڭ ئوغلى پىنىخاسقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى