« يوشۇۋا »

16

يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

1يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار:

بۇ زېمىنلارنىڭ جەنۇبىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدىكى ئېرىخا شەھىرىدىن، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بۇلاقلىقتىن باشلىنىپ، چۆل-باياۋانلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايوندىكى بەيتەل شەھىرىگىچە سوزۇلىدۇ. 2جەنۇبىي پاسىل بەيتەل، يەنى لۇز شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئاتاروت شەھىرىدىكى ئاركىلارنىڭ زېمىنىغا بارىدۇ. 3كېيىن يەنە غەربكە سوزۇلۇپ، يافلېتلارنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە گەزەر شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، ئاخىرى ئوتتۇرا دېڭىزغا بېرىپ توختايدۇ.

4يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگە بولدى.

ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

5ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە بېرىلگەن زېمىنلار:

ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان زېمىننىڭ جەنۇبىي پاسىلى شەرقتە ئاتروت-ئاددار شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئۈستۈن بەيت-خورون شەھىرىگە تۇتىشىپ، 6ئوتتۇرا دېڭىزغا بارىدۇ. كېيىن يەنە شىمالدىكى مىكمىتات شەھىرىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى تائانات-شىلو شەھىرىگە بېرىپ، يانوۋاخ شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 7كېيىن يەنە يانوۋاخ شەھىرىدىن جەنۇبقا قايرىلىپ، ئۇ يەردىن ئاتاروت، نائارا شەھەرلىرىگىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئېرىخا شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ. 8بۇ پاسىل يەنە تاپپۇۋاخ شەھىرىدىن غەربكە سوزۇلۇپ، قاناھ جىلغىسىنى بويلاپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. مانا بۇ ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

9ئۇنىڭدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئىچىدە، ئەفرايىم قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بار. 10ئەفرايىم قەبىلىسى كەنئانلارنى گەزەر شەھىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتمىدى، ئەمما ئۇلار ھازىرغا قەدەر ئەفرايىملارغا ئىشلەمچى بولماقتا.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى