« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

26

ئىسھاقنىڭ گىراردا مۇساپىر بولۇپ قېلىشى

1ئىبراھىمنىڭ زامانىدا، كەنئاندا بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئاچارچىلىق بولدى. ئىسھاق گىرار شەھىرىدىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەكنىڭ ئالدىغا باردى. 2پەرۋەردىگار ئىسھاققا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سەن مىسىرغا بارماي، مەن تۇر دېگەن جايدا تۇرۇپ قال. 3سەن بۇ يەردە تۇرساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. 4مەن ساڭا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن ئەۋلاد بېرىمەن ھەمدە بۇ پۈتكۈل زېمىننى ئۇلارغا تەقدىم قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر بەخت تاپىدۇ. 5چۈنكى، ئىبراھىم ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلدى.

6شۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق گىراردا تۇرۇپ قالدى. 7ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇنى ئۆز سىڭلىم، دېدى. چۈنكى، ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى.

8ئىسھاق ئۇ يەردە بىرمەزگىل تۇردى. بىر كۈنى، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراۋاتقاندا، ئىسھاقنىڭ رىبەقا بىلەن قۇچاقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.

9پادىشاھ ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:

_ ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇنى سىڭلىم دېگەنىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

ئىسھاق جاۋاب بېرىپ:

_ ئەگەر مەن ئۇنى ئايالىم دېگەن بولسام، ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن قورققانىدىم، _ دېدى.

10ئابىمەلەك ئۇنىڭغا:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەگەر خەلقىم ئىچىدە بىرى سېنىڭ ئايالىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتقان بولسا، سەن پۈتۈن خەلقىمىزنى گۇناھقا تىققان بولاتتىڭ! _ دېدى.

11ئاندىن، پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:

_ كىمدەكىم بۇ كىشىگە ياكى ئايالىغا چېقىلسا، جېنىدىن جۇدا قىلىنىدۇ، _ دېدى.

12ئىسھاق ئۇ يەردە دېھقانچىلىق قىلاتتى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەرىكەت بەرگەچكە، ئۇ يىلى بىرگە يۈز ھەسسە ھوسۇل ئالدى. 13ئۇ بارغانسېرى روناق تېپىپ، كاتتا باي بولدى. 14فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ نۇرغۇن قوي-كالا پادىلىرى ۋە قۇللىرى بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. 15شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا چاكارلىرىغا قازدۇرغان قۇدۇقلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى.

16كېيىن، ئابىمەلەك ئىسھاققا:

_ سەن بىزدىن كۈچىيىپ كەتتىڭ. دۆلىتىمىزدىن چىقىپ كەت! _ دېدى.

17بۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، گىرار جىلغىسىغا بېرىپ، ئۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ، بىرمەزگىل تۇردى. 18ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا، بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازدۇرغانىدى. بىراق، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ ھەممە قۇدۇقلىرىنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق ئۇلارنى قايتا قازدۇرۇپ، يەنىلا دەسلەپ ئاتىسى قويغان ئىسىملىرى بىلەن ئاتىدى.

19ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى گىرار جىلغىسىدا بىر قۇدۇق قېزىپ، سۇ تاپتى. 20بىراق، گىرارنىڭ پادىچىلىرى ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرى بىلەن ماجىرالىشىپ، ھەممىسى: «بۇ بىزنىڭ سۈيىمىز» دېيىشتى. شۇڭا، ئىسھاق ئۇ قۇدۇقنى ئەسەك [مەنىسى «ماجىرا»] دەپ ئاتىدى. 21ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى يەنە بىر قۇدۇق قازغانىدى. ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق ئۈچۈن ماجىرالاشتى. شۇڭا، ئىسھاق بۇ قۇدۇقنى سىتنا [مەنىسى «ئۆچمەنلىك»] دەپ ئاتىدى. 22ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەنە بىر قۇدۇق قازدۇردى. بۇ قېتىم ماجىرا چىقمىدى. شۇڭا، ئۇ بۇ قۇدۇقنىڭ ئىسمىنى رىھۇبوت [مەنىسى «ئازادە يەر»] دەپ ئاتىدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ئاخىر بىزنى ئازادە يەردە ياشاشقا مۇيەسسەر قىلدى. بىز بۇ يەردە چوقۇم روناق تاپىمىز» دېدى.

23ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەئەرشەباغا كۆچۈپ باردى. 24ئۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: «مەن ئاتاڭ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدا، قورقمىغىن! مەن ساڭا يار. مەن خىزمەتكارىم ئىبراھىمنىڭ سەۋەبىدىن، ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن ۋە ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىمەن» دېدى.

25ئىسھاق ئۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. شۇندىن كېيىن ئىسھاق ئۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ قالدى ھەمدە ئۇنىڭ چاكارلىرى ئۇ يەردە يەنە بىر قۇدۇق قازدى.

ئىسھاقنىڭ پادىشاھ ئابىمەلەك بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى

26پادىشاھ ئابىمەلەك ئاخۇززات دېگەن مەسلىھەتچىسى بىلەن لەشكەر باشلىقى فىكولنى ئېلىپ، گىراردىن ئىسھاقنى زىيارەت قىلىپ كەلدى.

27ئىسھاق ئۇلارغا:

_ بۇرۇن سىلەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى دۆلىتىڭلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدىڭلار. ئەمدى نېمە ئۈچۈن يەنە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىڭلار؟ _ دېدى.

28ئۇلار جاۋابەن:

_ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇڭا، بىز بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ، كېلىشىم تۈزسەك بولغۇدەك. 29بىز ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەندەك، سېنىڭمۇ بىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە بېرىشىڭنى تەلەپ قىلىمىز. بۇرۇن بىز ساڭا ھەمىشە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، سېنى ئۇ يەردىن ئامان-ئېسەن كەتكۈزگەنىدۇق. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەخت ئاتا قىلغانلىقى ئېنىق بولدى، _ دېدى.

30ئىسھاق زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى مېھمان قىلدى. 31ئۇلار سەھەر تۇرۇپ، ئۆزئارا قەسەم بېرىشىپ، كېلىشىم تۈزۈشتى. ئىسھاق ئۇلار بىلەن دوستانە خوشلىشىپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

32ئۇ كۈنى، ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قازغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ:

_ بىز سۇ تاپتۇق! _ دېدى.

33ئۇ قۇدۇقنى شەبا [مەنىسى «قەسەم»] دەپ ئاتىدى. شۇڭا، ئۇ شەھەر ھازىرغىچە بەئەرشەبا [مەنىسى «قەسەملەشكەن قۇدۇق»] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئەساۋنىڭ يات قەبىلىدىن ئالغان ئاياللىرى

34ئەساۋ قىرىق يېشىدا ئىمانسىز خىتلاردىن ئىككى قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. بۇ ئىككى قىز بەئەرنىڭ قىزى يۇدىت بىلەن ئېلوننىڭ قىزى باسىمات ئىدى. 35ئۇلار ئىسھاق بىلەن رىبەقانىڭ ئارامىنى قويمىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى