« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

25

ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى

1ئىبراھىم قىتۇرا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى كىچىك خوتۇنلۇققا ئالدى. 2ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مېدان، مىديان، ئىشباك ۋە شۇئاختىن ئىبارەت ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 3يوقشان _ شىبا بىلەن دەداننىڭ ئاتىسى بولدى. دەداننىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇرىم، لەتۇشىم ۋە لەئۇممىم خەلقلىرى بولدى. 4مىدياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفا، ئەفەر، ھانۇخ، ئابىداھ ۋە ئېلدالار ئىدى. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قىتۇرادىن دۇنياغا كەلگەن ئەۋلادلار ئىدى.

5ئىبراھىم پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى. 6لېكىن، ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى كىچىك خوتۇندىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئاندىن بۇ ئوغۇللىرىنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقىي زېمىنغا ئەۋەتتى.

ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمى ۋە دەپنە قىلىنىشى

7-8ئىبراھىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، يۈز يەتمىش بەش يېشىدا ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. 9ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئۇنى ماكپېلاھ يېزىسىدىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ ئۆڭكۈر مامرە دېگەن يەرگە يېقىن بولۇپ، بۇرۇن خىت قەبىلىسىدىن بولغان سوخارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى ئىدى. 10ئىبراھىم خىتلاردىن سېتىۋالغان ئېتىزلىق دەل شۇ ئىدى. ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى. 11ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاققا بەخت ئاتا قىلدى. ئىسھاق شۇ ۋاقىتتا بېئېر-لاھايروي دەپ ئاتالغان قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى جايدا تۇرۇۋاتاتتى.

ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى

12سارەنىڭ دېدىكى مىسىرلىق ھەجەر ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: 13ئالدى بىلەن تۇنجى ئوغلى نېبايوت، ئاندىن كېيىن قالغان ئوغۇللىرى قېدار، ئادبىئېل، مىبسام، 14مىشما، دۇما، ماسسا، 15خاداد، تەما، يەتۇر، نافىش ۋە قەدەما تۇغۇلدى.

16ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار ياشىغان يېزا ۋە قىشلاقلار ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالدى. 17ئىسمائىل يۈز ئوتتۇز يەتتە يېشىدا ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. 18ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي ھاۋىلاھ رايونىدىن شۇر دېگەن يەرگە قەدەر ئىدى. شۇر مىسىرنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، ئاسسۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بىلەن چىقىشالمىدى.

ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ دۇنياغا كېلىشى

19ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە:

20ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بولسا پاددان-ئاررامنىڭ ئارران دېگەن يېرىدىن بولغان بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى ئىدى. 21رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىسھاق ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، رىبەقا ھامىلىدار بولدى. 22بالا قوشكېزەك بولۇپ، ئۇلار تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قاتتىق سوقۇشتى. رىبەقا: «ماڭا نېمە بولغىنى؟» دەپ پەرۋەردىگاردىن سورىدى.

23پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«سېنىڭ قورسىقىڭدىن ئىككى خەلق چىقىدۇ.

تۇغۇلۇپلا ئايرىم بولىدۇ.

بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ،

چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ.»

24ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، قوشكېزەك تۇغدى. 25ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ھايۋاننىڭكىدەك تۈكلۈك ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ [مەنىسى «تۈكلۈك»] دەپ قويدى. 26كېيىن تۇغۇلغىنىنىڭ قولى ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا، ئىسھاق ئاتمىش ياشقا كىرگەنىدى.

ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى سېتىۋېتىشى

27ئىككى بالا چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن، ئىنىسى ياقۇپ جىمجىت يۈرىدىغان ئادەم بولۇپ، ھەمىشە ئۆيدە تۇراتتى. 28ئىسھاق ئەساۋنى ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، ئۇ ئەساۋ ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئامراق ئىدى. رىبەقا بولسا ياقۇپنى ياخشى كۆرەتتى.

29بىر كۈنى، ياقۇپ قىزىل پۇرچاق شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى. ئوۋدىن ئېچىرقاپ قايتىپ كەلگەن ئەساۋ 30ياقۇپقا:

_ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. قىزىل پۇرچاق شورپىسىدىن تېزرەك بەرسەڭچۇ! _ دېدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئىدوم [مەنىسى «قىزىل»] دەپمۇ ئاتالدى.

31ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنسەڭ، ساڭا بۇ شورپىدىن بېرەي، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

32_ بولدى! بولدى! قورسىقىم ئېچىپ ئۆلەي دەپ قالدىم. تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى؟ _ دېدى ئەساۋ.

33ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ سەن ئاۋۋال مېنىڭ ئالدىمدا تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنگەنلىكىڭگە قەسەم قىلىپ بەر، _ دېدى.

ئەساۋ قەسەم قىلىپ، تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى ياقۇپقا ئۆتۈنۈپ بەردى. 34ئاندىن، ياقۇپ ئۇنىڭغا نان بىلەن پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئەساۋ غىزالانغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقىدىندۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى