« سەردارلار »

8

گىدئوننىڭ مىديان سەركەردىلىرىنى مەغلۇپ قىلىشى

1ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر گىدئونغا:

_ سەن بىزگە نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ سەن مىديانلار بىلەن جەڭگە چىققاندا، نېمىشقا بىزنى چاقىرمايسەن؟ _ دەپ گىدئوننى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2گىدئون ئۇلارغا:

_ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارغا تەڭ كەلسۇن؟ ئەفرايىم زېمىنىدىكى ھوسۇلۇڭلاردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەر مېنىڭ ئۆز جەمەتىم بولغان ئابىئەزەرلەرنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلىدىنمۇ كۆپقۇ؟ 3خۇدا ئاللىقاچان سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا مىديانلارنىڭ ئىككى سەركەردىسى ئورېب بىلەن زىئېبنى چۈشۈرۈپ بەردى. مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ _ دېدى.

گىدئوننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقلىرى يېنىشتى.

4گىدئون 300 ئادەم بىلەن ئىئوردان دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتتى. ئۇلار ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، دۈشمەننى داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەردى. 5ئۇلار سۇككوت شەھىرىگە كەلگەندە، گىدئون شەھەردىكىلەرگە:

_ ئادەملىرىمگە نان بەرسەڭلار، ئۇلار بەك چارچاپ كەتتى. بىز يەنە مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قوغلاپ تۇتۇشىمىز كېرەك، _ دېدى.

6سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى گىدئونغا:

_ سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟ _ دېدى.

7گىدئون ئۇلارغا:

_ ئۇنداقتا پەرۋەردىگار زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرگەندىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن تېرەڭلارنى شىلىمەن، _ دېدى.

8گىدئون سۇككوتتىن چىقىپ پىنۇئېل شەھىرىگە كېلىپ ئۇلاردىنمۇ نان تەلەپ قىلدى. بىراق ئۇلارمۇ سۇككوتلارغا ئوخشاش جاۋاب بەردى. 9گىدئون ئۇلارغىمۇ:

_ مەن نۇسرەت قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە، شەھەر قەلئەسىنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن، _ دېدى.

10شۇ ۋاقىتتا زەباخ بىلەن زالمۇننا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى قارقور دېگەن جايدا ئىدى. ئۇلارنىڭ سانى ئالاھازەل 15 مىڭ بولۇپ، ھەممىسى شەرقتىكى قەبىلىلەرنىڭ لەشكەرلىرىدىن قېلىپ قالغانلىرى ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ 120 مىڭ قىلىچلىق لەشكىرى ئۆلگەنىدى. 11گىدئون نوباخ ۋە يوگبوھا شەھەرلىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كارۋان يولىدىن چىقىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ ۋاقىتتا دۈشمەن قوشۇنى ئۆزىنى بىخەتەر دەپ ھېس قىلاتتى. 12مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى بولغان زەباخ بىلەن زالمۇننا قېچىشىغا، گىدئون ئۇلارنى قوغلاپ قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى تارمار قىلدى.

13ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون خەرەس داۋىنى بىلەن جەڭ مەيدانىدىن قايتىپ كەلدى. 14يولدا ئۇ سۇككوت شەھىرىلىك بىر يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. ئۇ يىگىت 77 ئادەمنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بەردى. 15گىدئون سۇككوتقا كېلىپ بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىلىرىگە:

_ مانا، زەباخ بىلەن زالمۇننا! سىلەر ماڭا: «سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ھالىدىن كەتكەن ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟» دەپ تاپا-تەنە قىلغانىدىڭلار، _ دېدى.

16ئۇ شەھەر يولباشچىلىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن ئۇلارنىڭ تېرىسىنى شىلدى. 17ئۇ يەنە پىنۇئېل شەھەر قەلئەسىنى ۋەيران قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنى قىرىۋەتتى.

18گىدئون زەباخ بىلەن زالمۇننادىن:

_ سىلەر تابور تېغىدا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار جاۋابەن:

_ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ئوخشايدىغان شاھزادە سۈپەت ئادەملەر ئىدى، _ دېدى.

19گىدئون ئۇلارغا:

_ ئۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، ئانامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سىلەر ئۇلارنى ھايات قالدۇرغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ھايات قالدۇرغان بولاتتىم، _ دېدى.

20ئاندىن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە: «ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەت!» دەپ بۇيرۇدى. لېكىن يەتەر تېخى كىچىك بولغاچقا، قورقۇپ كېتىپ قىلىچىنى چىقىرالمىدى. 21زەباخ بىلەن زالمۇننا گىدئونغا:

_ سەن ھەقىقىي ئەركەك بولساڭ، ئۆزۈڭ بىزنى ئۆلتۈرگىن! _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلىرىنى ئېلىۋالدى.

گىدئوننىڭ بۇتپەرەسلىك يولىغا مېڭىشى

22ئاندىن ئىسرائىللار گىدئونغا:

_ سەن بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلغايسەن، ئوغلۇڭدىن تارتىپ نەۋرەڭگىچە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگەي. چۈنكى سەن بىزنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭ، _ دېدى.

23گىدئون ئۇلارغا:

_ مەن ھۆكۈمرانلىق قىلمايمەن، مېنىڭ ئوغلۇممۇ ھەم شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، _ دېدى.

24گىدئون ئۇلارغا يەنە:

_ مېنىڭ سىلەرگە دەيدىغان بىرلا تەلىپىم بار، ماڭا ئولجاڭلار ئىچىدىن ھەربىرىڭلار بىردىن ھالقا بېرىڭلار، _ دېدى.

(مىديانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ئۇلار ئالتۇن ھالقا تاقايتتى.)

25ئۇلار گىدئونغا: «بىز بېرىشكە رازى!» دېدى-دە، توندىن بىرنى يەرگە يېيىپ، ھەربىرى بىردىن ھالقىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاشتى. 26بۇ ئالتۇن ھالقىلارنىڭ ئېغىرلىقى 20 كىلوگىرام چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلەر، زۇننارلار، مىديان شاھلىرى كىيىدىغان سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىدىكى بېزەكلىك زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى. 27گىدئون بۇ ئالتۇنلاردىن بىر ئېفود* ياسىتىپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى ئوفراھقا ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىللار ئېفودقا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا خۇددى پاھىشىلەردەك سېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئېفود گىدئون ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئازدۇرىدىغان قىلتاق بولدى.

گىدئوننىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

28شۇنداق قىلىپ مىديانلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، جەڭ قىلىش ئىرادىسى سۇندۇرۇلدى. بۇ زېمىن گىدئون ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى. 29يوئاشنىڭ ئوغلى يىرۇببائال، يەنى گىدئون يۇرتىغا قايتىپ، ئۆز ئۆيىدە تۇردى. 30ئۇنىڭ خوتۇنلىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇلاردىن 70 ئوغۇل تاپتى. 31ئۇنىڭ شەكەم شەھىرىدە تۇرىدىغان توقىلىمۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. گىدئون ئۇنىڭغا ئابىمەلەك* دەپ ئىسىم قويدى. 32يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۆز ئەجىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئابىئەزەرلەرگە تەۋە بولغان ئوفراھتا، ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

33گىدئون ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەنلا ئىسرائىللار يەنە بائالغا چوقۇنۇپ ئۇنىڭغا خۇددى پاھىشىلەردەك سېتىلدى. ئۇلار بائال-بىرىتنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلدى. 34ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارى _ خۇدانى ئۇنتۇدى، 35گەرچە يىرۇببائال، يەنى گىدئون ئىسرائىللارغا نۇرغۇن ياخشىلىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قىلچىمۇ مېھرىبانلىق قىلمىدى.



*27ئېفود _ بۇ يەردە ئالتۇندىن ياسالغان ھەيكەلنى كۆرسىتىدۇ.

*31ئابىمەلەك _ ئىبرانىي تىلىدا «ئاتام پادىشاھتۇر» دېگەن مەنىدە.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى