« سەردارلار »

12

ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يىفتاھ بىلەن جەڭ قىلىشى

1ئەفرايىم قەبىلىسى قوشۇن توپلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، زافون شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار يىفتاھقا:

_ سەن نېمە ئۈچۈن ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چاغدا بىزنى چاقىرىۋالمىدىڭ؟ بىز ئۆيۈڭنى سەن بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز! _ دېدى.

2يىفتاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ مەن خەلقىم بىلەن بىرلىكتە ئاممونلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلغاندا سىلەرنى شۇنچە چاقىرساممۇ، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالمىدىڭلار. 3سىلەرنىڭ ياردەمگە كەلمەيدىغانلىقىڭلارنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، مەن جان تىكىپ ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم. پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن مەن بىلەن جەڭ قىلماقچى بولىسىلەر؟

4ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر مۇنداق دېيىشتى:

_ سىلەر گىلئادلىقلار پەقەت ئەفرايىم بىلەن ماناسسە زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان ئەفرايىملىق قاچقۇنسىلەر!

شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ بارلىق گىلئادلىقلارنى يىغىپ، ئەفرايىم قوشۇنىغا قارشى ئاتلاندى ۋە ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. 5گىلئادلىقلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىشىدا دەريادىن ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. ھەرقانداق بىرسى كېچىكتىن ئۆتمەكچى بولسا، گىلئادلىقلار ئۇنىڭدىن: «سەن ئەفرايىم قەبىلىسىدىنمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇ كىشى «ياق، ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرسە، 6گىلئادلىقلار يەنە: «ئۇنداقتا ‹شىببولەت› دەپ باق» دەيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولسا «سىببولەت» دەپ تەلەپپۇز قىلاتتى. چۈنكى ئەفرايىملار بۇ سۆزنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن گىلئادلىقلار ئۇنى تۇتۇپ، ئىئوردان دەرياسى كېچىكىدە ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 42 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى.

7يىفتاھ ئىسرائىل خەلقىگە ئالتە يىل سەردار بولدى. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، گىلئاد زېمىنىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە دەپنە قىلىندى.

ئىبزان، ئېلون ۋە ئابدوننىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

8يىفتاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەملىك بولغان ئىبزان ئىسرائىل خەلقىگە سەردار بولدى. 9ئۇنىڭ 30 ئوغلى، 30 قىزى بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرى باشقا جەمەتلەرگە ياتلىق بولۇپ كەتتى. ئوغۇللىرىغا باشقا جەمەتلەردىن قىز ئېلىپ بەردى. ئىبزان ئىسرائىللارغا يەتتە يىل سەردار بولدى. 10ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەمگە دەپنە قىلىندى.

11ئىبزاندىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىللارغا ئون يىل سەردار بولدى. 12ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، زەبۇلۇن زېمىنىدىكى ئاييالون شەھىرىگە دەپنە قىلىندى.

13ئېلوندىن كېيىن، پىراتون شەھىرىلىك ھىللېلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىللارغا سەردار بولدى. 14ئۇنىڭ 40 ئوغلى، 30 ئوغۇل نەۋرىسى بار ئىدى، ئۇلار 70 ئېشەككە مىنىپ يۈرۈشەتتى. ئۇ ئىسرائىللارغا سەككىز يىل سەردار بولدى. 15ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەفرايىم زېمىنىدىكى ئامالەكلەرنىڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان پىراتون شەھىرىگە دەپنە قىلىندى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى