« رۇت »

3

رۇتنىڭ خامانغا بېرىپ، بوئاز بىلەن كۆرۈشۈشى

1بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، نائومى كېلىنى رۇتقا:

_ ھەي قىزىم، مەن ساڭا باشپاناھ بولىدىغان بىر ئەر تاپاي. سەن ئەمدى ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ قالغىن. 2سەن ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىگەن بوئازنىڭ بىزگە تۇغقان ئىكەنلىكىنى بىلىسەنغۇ. سۆزۈمنى ئاڭلا! بۈگۈن كەچتە ئۇ خاماندا ئارپا سوقىدۇ. 3سەن ئۈستى-بېشىڭنى يۇيۇپ، ئۆزۈڭگە ئەتىر چېچىپ، چىرايلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا بارغىن. لېكىن ئۇ يەپ-ئىچىپ بولغۇچە، سېنىڭ ئۇ يەرگە بارغانلىقىڭنى تۇيۇپ قالمىسۇن. 4ئۇنىڭ ياتىدىغان يېرىنى كۆرۈۋال. ئۇ يېتىپ بولغاندا، چاندۇرماي بېرىپ، يوتقىنىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە يېتىۋالساڭ، ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، _ دېدى.

5_ سىز نېمە دېسىڭىز مەن شۇنى قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى رۇت.

6شۇنىڭ بىلەن رۇت خامانغا بېرىپ، قېينانىسىنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. 7بوئاز يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭلى ئازادە بولۇپ راھەتلەندى ۋە خامان دۆۋىسىنىڭ كەينىدە يېتىپ، ئۇيقۇغا كەتتى. رۇت شەپە چىقارماي، يوتقىنىنىڭ ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ قويۇپ، شۇ يەردە ياتتى. 8تۈن يېرىم بولغاندا بوئاز مۇزلاپ كەتكەنلىكتىن ئويغىنىپ، ئالدىغا ئېڭىشكەندە ئاياغ تەرىپىدە بىر ئايالنىڭ ياتقىنىنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇپ:

9_ سەن كىم؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇ:

_ بۇ مەن، رۇت، چاكىرىڭىز. سىز ماڭا قاراش مەسئۇلىيىتى بار بولغان يېقىن تۇغقىنىم. شۇڭا ماڭا قانىتىڭىزنى سايە قىلىپ، مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز! _ دېدى.

10بوئاز ئۇنىڭغا:

_ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگار ساڭا كۆپ بەخت ئاتا قىلسۇن! سېنىڭ ھازىر ئېرىڭنىڭ جەمەتىگە كۆرسىتىۋاتقان ساداقىتىڭ بۇرۇن كۆرسەتكەن ساداقىتىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر. چۈنكى سەن پۇلى بولسۇن-بولمىسۇن بىر ياشنى تاپالايتتىڭ، لېكىن ئۇنداق قىلمىدىڭ. 11قىزىم، غەم قىلما! سېنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى مەن ئورۇنداپ بېرىمەن، چۈنكى شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بىر ياخشى ئايال ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. 12مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ يېقىن تۇغقىنىڭ، بىراق بىلگىنكى، ساڭا مەندىنمۇ يېقىن يەنە بىر ئادەم بار. 13بۈگۈن كېچە بۇ يەردە قال. ئەتە سەھەردە مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ساڭا تۇغقانلىق ھەققىنى ئۆتەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، سېنى ئالسا، ياخشى بولغىنى؛ ئەگەر خالىمىسا، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۆزۈم ئەمرىمگە ئېلىپ، بۇ بۇرچنى ئادا قىلىمەن. ئەمدى سەن تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇر! _ دېدى.

14رۇت ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياتتى. لېكىن تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇردى، چۈنكى بوئاز ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.

15بوئازمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا:

_ يېپىنچاڭنى ئېچىپ تۇتۇپ تۇر، _ دېدى.

ئۇ شۇنداق قىلدى. بوئاز ئۇنىڭغا ئىككى خالتا دېگۈدەك ئارپىنى ئۇسۇپ، مۈرىسىگە ئارتىپ قويۇپ، ئۆزى شەھەرگە كەتتى.

16رۇت ئۆيىگە قايتىپ بارغىنىدا، قېينانىسى ئۇنىڭدىن:

_ ئىشلىرىڭ قانداق بولدى، قىزىم؟ _ دەپ سورىدى.

رۇت بوئازنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرىنى قېينانىسىغا ئېيتىپ بەردى.

17_ ئۇ مېنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا قۇرۇق قول قايتمىسۇن دەپ، بۇ يېپىنچىدىكى ئارپىنى بەردى، _ دېدى رۇت.

18نائومى ئۇنىڭغا:

_ بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى چىققۇچە، بۇ جايدا تەخىر قىلىپ تۇرغىن. بوئاز بۈگۈن بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزمەي بولدى قىلمايدۇ، _ دېدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى