« مالاكى »

3

1«مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئاندىن سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار، يەنى سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان، ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچىم توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار.

2«ئەمما ئۇ كەلگەندە كىممۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئۇ زاھىر بولغاندا، كىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا دەس تۇرالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ كۈمۈش تاۋلايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ، ئۇ كىرلەرنى يۇيۇپ ئاقارتىۋېتىدىغان كۈچلۈك سوپۇنغا ئوخشايدۇ. 3ئۇ كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلاپ ئەخلىتىدىن ئايرىيدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ئۇ لاۋىيلارنىمۇ ئالتۇن-كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلاپ پاكلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا، مەن قوبۇل قىلالايدىغان ھەدىيەلەرنى سۇنالايدۇ. 4ئاندىن بۇرۇنقىدەك، يەھۇدا ۋە يېرۇسالېملىقلارنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى مەن پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىدىغان بولىدۇ.

5شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن. مانا بۇلار مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر».

پەرۋەردىگارنىڭ توۋا قىلىشقا چاقىرىق قىلىشى

6«مەن پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ۋەيران قىلىنمىدىڭلار. 7سىلەر ئەجدادىڭلار زامانىدىن تارتىپ مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن چەتنەپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ كەلدىڭلار. ئەمدى سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتا يار بولاي. بىراق سىلەر: ‹بىز ئەزەلدىن چەتنەپ كەتمىگەن تۇرساق، قانداق قايتىمىز؟› دەپ سورايسىلەر.

8ئادەم خۇداغا خىيانەت قىلالامدۇ؟ دەرھەقىقەت سىلەر ماڭا خىيانەت قىلدىڭلار. بىراق سىلەر: ‹بىز قانداقلارچە ساڭا خىيانەت قىلالايمىز؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ماڭا تېگىشلىك بولغان ئوندىن بىر ئۈلۈشكە ۋە ھەدىيەلەرگە خىيانەت قىلدىڭلار. 9پۈتۈن خەلقىڭلار ماڭا خىيانەت قىلغانلىقىدىن، سىلەرگە لەنەت ياغىدۇ. 10ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەتخانا ئامبىرىغا ئەكېلىڭلار، شۇنىڭدا ئىبادەتخانامدا يېتەرلىك ئاشلىق بولىدۇ. بۇ ئىشتا مېنى _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى سىناڭلار! مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، سىلەرگە مول بەخت-سائادەت ياغدۇرغانلىقىمنى كۆرىسىلەر. 11مەن زىرائەتلىرىڭلارنى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ۋەيران قىلىشىدىن قوغدايمەن. سىلەرنىڭ ئۈزۈملىرىڭلار پىشقۇچە چۈشۈپ كەتمەي ساپىقىدا تۇرىدۇ» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار. 12«زېمىنىڭلارنىڭ مۇنبەتلىكىدىن بارلىق مىللەتلەر سىلەرگە ‹بەخت قونۇپتۇ› دېيىشىدۇ! مانا بۇلار مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.»

پەرۋەردىگارنىڭ رەھىمدىللىكنى ۋەدە قىلىشى

13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلدىڭلار. ئەمما سىلەر مەندىن: ‹بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ بىز ساڭا قانداق يامان گەپ قىپتۇق؟› دەپ سورايسىلەر.

14سىلەر يەنە: ‹خۇداغا خىزمەت قىلىش بىھۇدە، بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ياكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھەسرەت چېكىپ، گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ نېمىگە ئېرىشتۇق؟ 15ھازىر تەكەببۇرلار بەخت تېپىپ، يامانلىق قىلغۇچىلار گۈللەپ ياشناۋاتىدۇ. ئۇلار خۇدانى سىناپ تۇرۇپ يەنە قېچىپ قۇتۇلدىغۇ!› دەيسىلەر.»

16پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ نامىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى ئورالما پۈتۈككە رويخەت قىلىپ پۈتۈلگەندۇر.

17قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە ئۇلار ماڭا مەنسۇپ بولۇپ، مېنىڭ قىممەتلىك ئۆز خەلقىم بولىدۇ. خۇددى ئاتا ئۆزىنىڭ ئىتائەتلىك بالىسىغا رەھىم قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن. 18شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەمنى، ماڭا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن قىلمىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسىلەر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى