« ھاگاي »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «ئەزرا» قىسمىدا ئىسرائىللارنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 538-يىلى بابىلدىكى سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئىسرائىللار يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ بۇزۇۋېتىلگەن ئىبادەتخانىنى قايتىدىن قۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇلار ئىككى يىلدا ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى پۈتتۈرىدۇ. لېكىن شۇ ئەتراپتا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى توختاپ قالىدۇ.

مىلادىيەدىن ئىلگىرى 519-يىلى خۇدادىن ھاگاي پەيغەمبەرگە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا: «ئىبادەتخانىنىڭ پۈتمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، شۇ ئەتراپتا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىدا ئەمەس، بەلكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىدە» دېگەن ۋەھىي كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى ياساشتىن كۆرە، ئۆز ئۆيلىرىنى ياساشنى ئەۋزەل كۆرگەنىدى.

پەرۋەردىگار ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق يەھۇدىيلارغا: «ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بويسۇنساڭلار، سىلەرگە مول ھوسۇل ۋە ئامانلىق بېرىش بىلەن بىرگە، قايتىدىن بەخت ئاتا قىلىمەن» دەيدۇ.

پەرۋەردىگار يەنە داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى زىرۇببابەلگە ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئەللەرنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇدا داۋۇت پادىشاھقا: «ئەۋلادلىرىڭ تاج-تەختىڭنى داۋام قىلىدۇ» دېگەن ۋەدىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

تېزىس:

  1. ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىشى توغرىسىدىكى ۋەھىي (1-باب 1-ئايەتتىن 15-ئايەتكىچە)
  2. يېڭى ئىبادەتخانىنىڭ كەلگۈسى شان-شەرىپى توغرىسىدىكى ۋەھىي (2-باب 1-ئايەتتىن 9-ئايەتكىچە)
  3. بەخت-سائادەتنىڭ خۇداغا ئىتائەتمەنلىكتىن كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەھىي (2-باب 10-ئايەتتىن 19-ئايەتكىچە)
  4. يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل توغرىسىدىكى ۋەھىي (2-باب 20-ئايەتتىن 23-ئايەتكىچە)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى