« ئەزرا »

8

ئەزرا بىلەن بىرگە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر

1ئارتاخشاستى پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە مەنكى ئەزرا بىلەن بىللە بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە:

2-3پىنىخاس جەمەتىدىن گېرشوم

ئىتامار جەمەتىدىن دانىيال

داۋۇت جەمەتىدىن شېكانيانىڭ ئەۋلادى خاتتۇش

پارئوش جەمەتىدىن زىكىرىيا بىلەن نەسەبنامىسى ئېنىق بولغان 150 ئەر

4پاخات-موئاب جەمەتىدىن زىراخيانىڭ ئوغلى ئەليىھوئېناي ۋە 200 ئەر

5زاتتۇ جەمەتىدىن ياخازىئېلنىڭ ئوغلى شېكانيا ۋە 300 ئەر

6ئادىن جەمەتىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبىد ۋە 50 ئەر

7ئېلام جەمەتىدىن ئاتاليانىڭ ئوغلى يىشايا ۋە 70 ئەر

8شىفاتيا جەمەتىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زىباديا ۋە 80 ئەر

9يوئاب جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى ئوباديا ۋە 218 ئەر

10بانى جەمەتىدىن يوسىفيانىڭ ئوغلى شىلومىت ۋە 160 ئەر

11بېباي جەمەتىدىن بېباينىڭ ئوغلى زىكىرىيا ۋە 28 ئەر

12ئازگاد جەمەتىدىن ھاققاتان ئوغلى يوخانان ۋە 110 ئەر

13ۋاقچىرەك قايتىپ كەلگەن ئادونىقام جەمەتىدىن ئەلىفەلەت، يىئۇئېل، شىمايا ۋە 60 ئەر

14بىگۋاي جەمەتىدىن ئۇتاي، زاككۇر ۋە 70 ئەر.

ئەزرانىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى

15مەن بارلىق خەلقنى ئاھاۋاغا قاراپ ئاقىدىغان دەريانىڭ بويىغا جەم قىلدىم ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن قارارگاھ قۇردۇق. مەن روھانىيلار ۋە قالغان خەلقنى تەكشۈرگىنىمدە، لاۋىيلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدىم. 16شۇڭا يۇرت باشلىرىدىن ئەلىئەزەر، ئارىئېل، شىمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملارنى ھەم ئاقىلانە ئۇستازلاردىن يويارىب ۋە ئەلناتانلارنى چاقىرىپ، 17ئۇلارنى كاسىفيا دېگەن جايدىكى لاۋىيلارنىڭ بېشى ئىددونىڭ يېنىغا ئەۋەتتىم. مەن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئىددو ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئادەم ئەۋەتىپ بېرىشنى سورىدىم. 18خۇدا ماڭا يار بولۇپ، بىزگە شېرېبىيا ئىسىملىك ئەقىل-ئىدراكلىق بىر كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇ ماخلى جەمەتىدىن بولغان لاۋىيلاردىن ئىدى، ئۇنىڭ ئوغوللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي ئون سەككىز كىشى كەلدى. 19ئۇلار يەنە مىرارى جەمەتىدىن خاشابيا ۋە يىشايا ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرىدىن يىگىرمە كىشىنى ئەۋەتتى. 20ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە 220 نەپەر ئىبادەتخانا خىزمەتكارى قېتىلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى لاۋىيلارغا ياردەم بېرىشكە تەيىنلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تىزىملىكتە بىر-بىرلەپ پۈتۈلگەنىدى.

21ئاھاۋا دەرياسىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇپ، خۇدادىن بىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىز ئۈچۈن بىخەتەر سەپەر تىلىدىم. 22پادىشاھتىن سەپەردە بىزنى دۈشمەندىن قوغداشقا پىيادە ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى سوراش مەن ئۈچۈن بىر نومۇس ئىش ئىدى. چۈنكى مەن پادىشاھقا: «خۇدايىمىز ئۇنىڭغا تايانغانلارغا يار بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە غەزەب ياغدۇرىدۇ» دېگەنىدىم. 23شۇڭا بىز روزا تۇتۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قوغدىشىغا دۇئا قىلدۇق. خۇدا دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى.

24روھانىي باشلىقلار ئارىسىدىن شېرېبىيا، خاشابيا ۋە ئۇلارنىڭ ئون تۇغقىنىنى تاللىدىم. 25ئاندىن پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچى ھەم ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللار ئىبادەتخانىغا تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تارتىپ ئۇلارغا تاپشۇردۇم. 26مەن تاپشۇرغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە:

22 توننا كۈمۈش

كۈمۈش قاچا-قۇچىلار (جەمئىي 3400 كىلو)

3400 كىلو ئالتۇن

2720 دانە ئالتۇن قاچا (8 كىلو 400 گرام)

2 دانە ئېسىل، پارقىراق تۇچ قاچا (قىممىتى ئالتۇن بىلەن باراۋەر)

28مەن ئۇلارغا:

_ سىلەر ۋە قاچا-قۇچىلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان. ئالتۇن-كۈمۈش بولسا پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا بېغىشلانغان خالىس ھەدىيىدۇر. 29سىلەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۇلارغا ياخشى قاراڭلار. سىلەر روھانىي باشلىقلار، لاۋىيلار ۋە ئىسرائىللارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا ئېغىرلىقىنى تارتىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار، _ دېدىم.

30شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى خۇدايىمىزنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

31بىز 1-ئاينىڭ 12-كۈنى* ئاھاۋا دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قاراپ يولغا چىقتۇق. سەپىرىمىزدە خۇدايىمىز بىزگە يار بولۇپ، بىزنى دۈشمەن ۋە قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىدى. 32يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۈچ كۈن دەم ئالدۇق. 33تۆتىنچى كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تارتىپ، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەردۇق. مىرېموت روھانىينىڭ يېنىدا پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئەلئازار، لاۋىيلاردىن يېشۇۋانىڭ ئوغلى يوزاباد ۋە بىننۇينىڭ ئوغلى نوئاديادىنلار بار ئىدى. 34ھەممە نەرسىلەرنى ساناپ، تارازىدىن ئۆتكۈزۈپ خاتىرىگە ئالدۇق.

35قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن 12 تورپاق، توقسان 96 قوچقار، 77 پاقلان ۋە گۇناھ كەچۈرۈلۈش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە قۇربانلىق قىلدى. بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق ئۈچۈن كۆيدۈرۈلۈپ، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلدى. 36ئۇلار يەنە پادىشاھ ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلغان مەكتۇپنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ۋە خۇداغا بېغىشلانغان ئىبادەتخانىغا ياردەمدە بولدى.



*31ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى