« ئەستىر »

9

يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىشى

1ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* كەلدى. بۇ پادىشاھنىڭ پەرمانىنىڭ بەجا كەلتۈرۈلىدىغان كۈنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد باغلىغان كۈن ئىدى. ئەكسىچە بۇ كۈندە يەھۇدىيلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. 2يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ پۈتۈن ئۆلكىلىرىدىكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردە يىغىلىشتى. جايلاردىكى خەلقلەر ئۇلاردىن قورقۇشاتتى. شۇڭا ئۇلارغا ھېچكىم قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى. 3پۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ رەئىسلىرى، ئالىي ئەمەلدارلىرى، بەگلىرى ۋە ئوردا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار موردىكايدىن قورققاچقا، يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىشتى. 4چۈنكى موردىكاينىڭ ھوقۇق دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىش بىلەن ئۇ ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى بارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى.

5شۇڭا يەھۇدىيلار ئۆز دۈشمەنلىرىگە خالىغىنىنى قىلدى. ئۇلار دۈشمەنلىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ يوقاتتى. 6يەھۇدىيلار سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز كىشىنى ئۆلتۈردى. 7-10ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھاممىداتانىڭ ئوغلى بولغان ھاماننىڭ ئون ئوغلىمۇ يەنى پارشانداتا، دالفون، ئاسپاتا، پوراتا، ئاداليا، ئارىداتا، پارماشتا، ئارىساي، ئارىداي ۋە ۋايزاتالارمۇ بار ئىدى. يەھۇدىيلار دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى.

11شۇ كۈنى سۇزا قەلئەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىنغانىدى، 12پادىشاھ خانىش ئەستىرگە:

_ يەھۇدىيلار يالغۇز سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز ئادەم ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھاماننىڭ ئون ئوغلىمۇ بار ئىكەن، ئىمپېرىيىنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە يەنە نېمە ئىشلار قىلغاندۇر؟ ئەمدى ئىلتىماسىڭ نېمە؟ ئىلتىماسىڭ بەجا كەلتۈرۈلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ دېگىنىڭ كېلىدۇ، _ دېدى. 13ئەستىر:

_ ئالىيلىرى خالىسىلا، سۇزادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى پەرمان بويىچە ئىش قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەيلا ھەمدە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرىنى دارغا ئاستۇرغايلا، _ دەپ جاۋاب بەردى.

14پادىشاھ شۇ بويىچە پەرمان چۈشۈردى ۋە بۇ پەرمان سۇزادا جاكارلاندى. ھاماننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرى دارغا ئېسىلدى.

15ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى* سۇزادىكى يەھۇدىيلار يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، سۇزادا ئۈچ يۈز ئادەمنى قىردى. لېكىن ئۇلار ئوخشاشلا مال-مۈلۈك ئولجا ئالمىدى.

16ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* ئىمپېرىيىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى باشقا يەھۇدىيلارمۇ يىغىلىشىپ ئۆزلىرىنى قوغداشقانىدى. ئۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك قىلغان يەتمىش بەش مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئارام تاپقانىدى. لېكىن مال-مۈلۈككە قول تەگكۈزمىگەنىدى. 17ئىككىنچى كۈنى ئۇلار دەم ئالدى ھەم بۇ كۈننى خۇشاللىق زىياپىتى كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى. 18سۇزادىكى يەھۇدىيلار بولسا ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى، ئون تۆتىنچى كۈنلىرى* يىغىلىشىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشتى. ئون بەشىنچى كۈنى* دەم ئالدى ھەم بۇ كۈننى خۇشاللىق زىياپىتى كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى. 19شۇڭا كىچىك يېزا-كەنتلەردە تۇرىدىغان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىنى* خۇشاللىق زىياپىتى بېرىدىغان ئارام ئېلىش كۈنى قىلىپ، بىر-بىرىگە سوۋغاتلار تەقدىم قىلىشىدىغان بولدى.

پۇرىم بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

20موردىكاي بۇ ئىشلارنى خاتىرىلەپ، پۈتۈن ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيىسىنىڭ يىراق-يېقىن ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارغا مەكتۇپ يېزىپ ئەۋەتىپ، 21ئۇلارنىڭ ھەر يىلى ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى ۋە ئون بەشىنچى كۈنىنى* ھېيت كۈنى قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى. 22بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئارام تاپقان كۈنلەر، بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئاي ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ كۈنلەرنى زىياپەتلەر بېرىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغاتلار بېرىشلىرى بۇيرۇلدى.

23بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار موردىكاينىڭ ئۆزلىرىگە يېزىپ قالدۇرغىنى بويىچە ئىش قىلدى ۋە باشلىغان بۇ ھېيتنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىشتى. 24يەھۇدىيلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامان يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى پىلانلىغانىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇر (چەك) تارتىش ئارقىلىق بىر كۈننى بەلگىلىگەنىدى. 25لېكىن ھاماننىڭ سۇيىقەستى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، پادىشاھ ھاماننىڭ ئۆزى پىلانلىغان يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش پىلانى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا كەلسۇن دەپ ئەمر يازدۇرغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ھامان ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى دارغا ئېسىلغانىدى.

26ھامان تارتقان چەك «پۇر» دەپ ئاتالغاچقا، يەھۇدىيلار خاتىرىلىگەن بۇ كۈنلەرمۇ «پۇرىم» دەپ ئاتالدى. يەھۇدىيلار موردىكاي يازغان مەكتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەنلىرى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ۋەجىدىن، 27ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلەشكەن كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئەنئەنە بەلگىلەپ، موردىكاينىڭ يېزىپ قالدۇرغىنى بويىچە ھەر يىلى بۇ ئىككى كۈننى خاتىرىلەشنى قارار قىلدى. 28ئۇلار ھەم بۇ كۈنلەر ئىمپېرىيىنىڭ ھەربىر ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە، ھەممە ئائىلىلەردە خاتىرىلىنىشى ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىشى كېرەك، بۇ كۈنلەرنىڭ يەھۇدىيلار ئارىسىدا خاتىرىلىنىشى ھېچقاچان توختاپ قالماسلىقى شۇنداقلا يۈز بەرگەن ئىشلار ئەۋلادلار تەرىپىدىن ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك، دەپ قارار قىلدى.

29ئابىھائىلنىڭ قىزى خانىش ئەستىرمۇ يەھۇدىي موردىكاي بىلەن بىرگە، موردىكاي بۇرۇن يازغاندەك بىر پارچە مەكتۈپ يېزىپ، خانىشلىق نوپۇزى بىلەن پۇرىم بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى قوللىدى.

30بۇ مەكتۇپلار پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارغا يېزىلغانىدى. مەكتۇپلاردا يەھۇدىيلارغا تىنچلىق-ئامانلىق تىلەنگەنىدى. 31بۇ مەكتۇپلار پۇرىم بايرىمىنى بەلگىلىدى. بۇ بايرامنىڭ ھەر يىلى بەلگىلەنگەن كۈنلەردە خاتىرىلىنىشىنى يەھۇدىي موردىكاي بىلەن خانىش ئەستىر ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقلەر خۇددى ئۆزلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن روزا تۇتۇش ۋە قارىلىق تۇتۇش ۋاقتىنى بەلگىلەشنى قارار قىلغاندەك، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشنىمۇ قارار قىلدى. 32ئەستىرنىڭ بۇيرۇقى پۇرىم بايرىمىغا ئائىت قائىدىلەرنى بەلگىلىدى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتىرە كىتابىغا يېزىلدى.



*1مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*15مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*16مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*18مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى، سەككىزىنچى كۈنلىرىگە توغرا كېلىدۇ.

*18مىلادىيە كالېندارى بويىچە توققۇزىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*19مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*21مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى، توققۇزىنچى كۈنلىرىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى