« ئەستىر »

6

پادىشاھنىڭ موردىكايغا شان-شەرەپ بېرىشى

1شۇ كۈنى كەچتە پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىگەچكە، ئىمپېرىيىنىڭ تەزكىرىسىنى ئالدۇرۇپ ئوقۇتتى. 2تەزكىرىنىڭ: «موردىكاي پادىشاھنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى بىر سۇيىقەستنى پاش قىلغان، بۇ سۇيىقەستنى ئوردا دەرۋازىسىنى كۆزەت قىلىدىغان بىغتان بىلەن تەرەش ئىسىملىك ئىككى ھەرەمئاغىسى پىلانلىغان» دەپ يېزىلغان يېرىگە كەلگەندە،

3پادىشاھ:

_ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكاي قانداق تەقدىرلەندى، ئۇنىڭ ئۆزىگە نېمە ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىلدى؟ _ دەپ سورىدى.

پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى:

_ ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بېرىلمەپتۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

4_ ئوردا ھويلىسىدا كىم بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامان موردىكاينى ياسىتىپ قويغان دارغا ئېسىشقا پادىشاھتىن ئىجازەت سوراش ئۈچۈن ئوردا ھويلىسىغا ئەمدىلا كىرگەنىدى. 5شۇڭا پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى ئۇنىڭغا:

_ ھويلىدا ھامان تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

_ ئۇنى كىرگۈزۈڭلار! _ دېدى پادىشاھ. 6ھامان كىرگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشىگە نېمە كەلتۈرۈلسە بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ھامان ئۆز كۆڭلىدە: «پادىشاھ مەندىن باشقا كىمگىمۇ ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتەر ئىدى» دەپ ئويلىدى 7-8ۋە پادىشاھقا:

_ پادىشاھىمىز ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشى ئۈچۈن ئۆزلىرى كىيگەن شاھانە لىباس، ئۆزلىرى مىنگەن تاج تاقالغان ئات ئېلىپ كېلىنسۇن. 9ئاندىن پادىشاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئالىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ئۇ كىشىگە لىباس كىيدۈرۈپ، ئۇنى ئاتقا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدانىنى ئايلاندۇرۇپ: «قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشى مانا مۇشۇنداق قىلىنىدۇ» دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا جار سالسۇن، _ دېدى.

10شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھامانغا:

_ دەرھال شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈرۈپ، ھازىرقى دېگىنىڭ بويىچە ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغان يەھۇدىي موردىكايغا شۇنداق قىل! ئېيتقانلىرىڭدىن بىرەرسىمۇ كەم قىلىنمىسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى. 11ھامان شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈردى. موردىكايغا لىباس كىيدۈرۈپ، ئاتقا مىندۈردى ۋە ئۇنى شەھەر مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ ئايلاندۇرۇپ:

_ قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشى مانا مۇشۇنداق قىلىنىدۇ، _ دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا جار سالدى. 12شۇنىڭدىن كېيىن موردىكاي ئوردىدىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قايتىپ كەلدى. ھامان بولسا بېشىنى چۈمكەپ، غەمكىن ھالدا دەرھال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 13ئۇ ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىشلارنى خوتۇنى زەرەشكە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. خوتۇنى ۋە مەسلىھەتچىلىرى ئۇنىڭغا:

_ سىز يېڭىلىشكە باشلىغان موردىكاي يەھۇدىي نەسلىدىن بولغاچقا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايسىز، سىز چوقۇم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يېڭىلىپ قالىسىز، _ دېدى.

14ئۇلار سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا، ئوردىنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ، ھاماننى ئەستىرنىڭ تەييارلىغان زىياپىتىگە بېرىشقا ئالدىراتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى