« ئەستىر »

2

ئەستىرنىڭ خانىش بولۇشى

1پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ غەزىپى قايتقاندىن كېيىن، ۋاشتى ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۆز يارلىقى ھەققىدە ئويلايدىغان بولدى. 2پادىشاھنىڭ مەخسۇس غۇلاملىرى پادىشاھقا:

_ ئالىيلىرى ئۈچۈن ياش ۋە چىرايلىق قىزلار تېپىپ كەلتۈرۈلسۇن. 3بۇ چىرايلىق قىزلارنى سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئەمەلدارلار تەيىنلەنسۇن. قىزلار ئوردا توقاللىرىغا مەسئۇل ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن ۋە پەدەز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەنسۇن. 4ئاندىن ئۆزلىرىگە ياققان قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش بولسۇن، _ دەپ تەكلىپ بەردى. بۇ تەكلىپ پادىشاھقا ياققاچقا، ئۇ شۇنداق قىلدى.

5سۇزا قەلئەسىدە موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان يائىرنىڭ ئوغلى ئىدى. يائىر شىمئىنىڭ ئوغلى، شىمئى بولسا كىشنىڭ ئوغلى ئىدى. 6بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەندە، كىشمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. 7موردىكاينىڭ ئەستىر ئىسىملىك بىر نەۋرە سىڭلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ھاداسسا ئىدى. ئۇ بىر گۈزەل، كېلىشكەن قىز بولۇپ، ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋېلىپ، چوڭ قىلغانىدى.

8پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن نۇرغۇن قىزلار سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا كەلتۈرۈلگەندە، ئەستىرمۇ ئوردىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ھېگايغا تاپشۇرۇلدى. 9ئەستىر ھېگايغا ياقتى. ھېگاي ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ، دەرھال ئۇنى پەرداز مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا ئۇ ئوردىدىن يەتتە كېنىزەكنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللاپ، ئەستىر ۋە ئۇلارغا ھەرەمخانىدىن ئەڭ ياخشى جاينى بەردى. 10ئەستىر ئۆز خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇ توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. 11موردىكاي ئەستىرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ھەرەمخانا ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ يۈردى.

12رەسمىيەت بويىچە ھەربىر ياش قىز پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىش ئۈچۈن، ئۆز نۆۋىتى كېلىشتىن بۇرۇن ئالتە ئاي مۇرمەككى يېغى بىلەن، ئالتە ئاي خۇش پۇراق ئەتىر ۋە مايلار بىلەن جەمئىي ئون ئىككى ئاي پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى. 13قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە، ھەرەمخانىدىن ئوردىغا نېمىنى ئېلىپ كېتىشنى خالىسا، ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەر بېرىلەتتى. 14كەچقۇرۇن پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرگەن قىز ئەتىسى ئەتىگەندە ئوردىدىكى ھەرەمخانىنىڭ باشقا بىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىلەتتى. ئۇ ھەرەمخانا توقاللارنى باشقۇرغۇچى ھەرەمئاغىسى شائاشغاز نازارىتى ئاستىدا ئىدى. پەقەت پادىشاھقا ياققان، ئىسمى ئاتاپ چاقىرىلغان قىزلا قايتىدىن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەلەيتتى. 15ئەستىر يەنى ئابىخايىلنىڭ قىزى (موردىكاي بېقىۋالغان ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسى)نىڭ پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە، ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۇنىڭغا نېمىنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولسا، شۇنى ئالدى ۋە باشقا ھېچ نەرسە سورىمىدى. ئەستىرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى. 16شۇنداق قىلىپ ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيىسىنىڭ يەتتىنچى يىلى، ئونىنچى ئايدا* يەنى تەبەت ئېيىدا ئەستىر پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ئوردىسىغا كەلتۈرۈلدى. 17پادىشاھ ئەستىرنى بارلىق ئاياللاردىن ياخشى كۆردى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە ئامراقلىقىغا بارچە قىزلاردىن ئارتۇق سازاۋەر بولغاچقا، پادىشاھ ئۇنىڭ بېشىغا خانىشلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلدى. 18كەينىدىن، پادىشاھ ھەممە ئالىي ئەمەلدارلىرى ۋە بەگلىرىگە ئەستىر شەرىپى ئۈچۈن بىر كاتتا زىياپەت بەردى. ھەممە ئۆلكىلەردە بايرام ئېلان قىلىندى ۋە سېخىيلىق بىلەن ھەدىيەلەر بېرىلدى.

موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشى

19قىزلار ئىككىنچى قېتىم ھەرەمخانىغا يىغىلغاندا، موردىكاي ئوردىدا مەنسەپكە ئېرىشكەنىدى. 20ئەستىر موردىكاينىڭ تاپىلىشى بويىچە، ئۆزىنىڭ خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە يەنىلا ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى. ئەستىر موردىكايغا ئۇنىڭ تەربىيىسىدىكى ۋاقتىدا بويسۇنغاندەك بويسۇناتتى.

21موردىكاي ئوردىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئوردا دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىغتان ۋە تەرەش ئىسىملىك ئىككى ھەرەمئاغىسى بولۇپ، ئۇلار پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلەپ يۈرەتتى. 22موردىكاي بۇ سۇيىقەستنى بىلىپ قېلىپ، خانىش ئەستىرگە مەلۇم قىلدى. ئەستىر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا يەتكۈزدى. 23تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى كىشى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋەقە ئىمپېرىيىنىڭ تەزكىرىسىگە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا يېزىپ قويۇلدى.



*16«ئەستىر»دە ئەگەر ئايلار نومۇر بويىچە ئېلىنغان بولسا، ئىبرانىي كالېندارىدىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئايلار ئىسمى بىلەن ئېلىنغان بولسا، پارس كالېندارىدىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇشبۇ ئايەتتىكى ۋاقىت مىلادىيە كالېندارى بويىچە تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 478- يىلنىڭ ئون ئىككىنچى ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى