« دانىيال »

10

دانىيالغا دەجلە دەرياسى بويىدا كۆرۈنگەن غايىبانە ئالامەتلەر

1پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ ۋەھىي راست، لېكىن چۈشىنىش ناھايىتى قىيىن ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى.

2ئۇ چاغدا مەن دانىيال ئۈچ ھەپتە ھازىداردەك يۈردۈم. 3بۇ ئۈچ ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە غىزالانمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە خۇش پۇراق ماي ئىشلەتمىدىم.

4بىرىنچى ئاينىڭ 24-كۈنى* مەن بۈيۈك دەجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ، 5يۇقىرىغا قارىغانىدىم، ئۇچىسىغا كەندىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان، بېلىگە ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىرسىنى كۆردۈم. 6ئۇنىڭ تېنى ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك جاراڭلىق ئىدى.

7بۇ غايىبانە ئالامەتنى يالغۇز ئۆزۈملا كۆرگەنىدىم. يېنىمدىكىلەر ھېچنېمە كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى ۋەھىمە بېسىپ، قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. 8ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز تۇرۇپ، بۇ ئاجايىپ ئالامەتنى كۆردۈم. تېنىم ماغدۇرسىزلىنىپ، چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. پۇت-قولۇمدا جان قالمىغانىدى. 9ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ، يەرگە دۈم چۈشتۈم. 10بىر قول ماڭا تېگىپ، قول ۋە تىزلىرىمدا يۈكۈندۈرۈپ قويدى. 11ئۇ ماڭا:

_ ئەي دانىيال، خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ! ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، _ دېدى.

مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. 12ئۇ يەنە:

_ ئەي دانىيال، قورقما، سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەلەپ قىلغىنىڭدىن باشلاپ، ئۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدى. مەن سېنىڭ ئىلتىجايىڭغا بىنائەن بۇ يەرگە كەلدىم. 13لېكىن، پېرسىيە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پەرىشتە* مېنى 21 كۈن توسۇۋالدى. مەن پېرسىيەدە يالغۇز بولغاچقا، مىكائىل ئىسىملىك بىر باش پەرىشتە ماڭا ياردەم قىلدى. 14مەن كەلگۈسىدە خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ساڭا ئالدىن خەۋەر بەرگىلى كەلدىم. بۇ، كەلگۈسى توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەتتۇر، _ دېدى.

15ئۇ ماڭا سۆزلەۋاتقاندا، مەن يەرگە تىكىلىپ قارىغىنىمچە زۇۋان سۈرمەي تۇردۇم. 16ئادەمگە ئوخشايدىغان بۇ پەرىشتە لەۋلىرىمنى سىلاپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا:

_ ھەزرىتىم، بۇ غايىبانە ئالامەتتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ، ماجالىم قالمىدى. 17پېقىر ھەزرىتىم بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشەلەيمەن؟ ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپىسىم ئۈزۈلدى، _ دېدىم.

18ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم قول تەگكۈزۈپ، تېنىمگە ماغدۇر بەردى. 19ئۇ ماڭا:

_ خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ، قورقما، ئامان بول! چىداملىق، باتۇر بول، _ دېدى.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن:

_ ھەزرىتىم، سىز ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەردىڭىز، ئەمدى سۆزلەۋېرىڭ! _ دېدىم.

20-21_ يېنىڭغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ مەندىن، _ مەن ساڭا «ھەقىقەت يازمىلىرى»دىكى سۆزلەرنى ئېلىپ كەلدىم. مەن قايتىپ بېرىپ، پېرسىيە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پەرىشتە بىلەن جەڭ قىلىمەن. كېيىن يۇنان پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پەرىشتە مەيدانغا چىقىدۇ. ئىسرائىلىيەنى قوغدايدىغان پەرىشتە مىكائىلدىن باشقا، ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق.



*4مىلادىيە كالېندارى بويىچە تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 536-يىلى، 4-ئاينىڭ 23-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*13پەرىشتىلەرنىڭ بىر قىسمى خۇدادىن يۈز ئۆرىگەنىدى. ئۇلار شەيتاننىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى