« چۆلدە »

6

پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلاش

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئەگەر قەسەم ئىچىپ، ئۆزىنى مەلۇم مۇددەتكىچە مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىماقچى بولسا، 3ئۆزىنى ھاراق-شارابتىن نېرى قىلسۇن. ئۈزۈم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ئېچىتىلغان ئىچىملىكلەرنى ئاغزىغا ئالمىسۇن، ئۈزۈم شەربىتىنى ئىچمىسۇن ھەمدە ئۈزۈم ۋە كىشمىشنى يېمىسۇن. 4ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە ئۈزۈمدىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى، ھەتتا ئۈزۈم ئۇرۇقى ۋە پوستىنىمۇ يېمىسۇن. 5ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزمىسۇن. ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان كۈنلەرنىڭ مۇددىتى توشقۇچە، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ يۈرسۇن. چۈنكى ئۇ، مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغاندۇر. 6ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن. 7ھەتتا ئاتا-ئانىسى ياكى ئەر ۋە ئايال قېرىنداشلىرى تۈگەپ كەتسىمۇ، ئۇلارغا تېگىپ، ئۆزىنى بۇلغىمىسۇن. ئۇنىڭ چېچى، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. 8ئۇ ئۆزىنى بېغىشلىغان كۈنلەردە، مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولىدۇ.

9ئەگەر بىرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆستۈرگەن چېچى بۇلغانغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن يەتتە كۈندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن. 10سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئەكېلىپ، روھانىيغا بەرسۇن. 11روھانىي ئۇنى ئۆلۈككە يېقىنلاشقانلىق گۇناھىدىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. ئۇ شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە چېچىنى قايتىدىن مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىسۇن 12ھەمدە مەن پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىشىنى قايتىدىن باشلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان كۈنلىرى بۇلغانغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى كۈنلىرى ئىناۋەتسىز بولسۇن. ئۇ بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاننى ئەيىب قۇربانلىقىغا ئېلىپ كەلسۇن.»

ئالاھىدە بېغىشلاش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى

13«ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر مۇددەت ئىچىدە ئالاھىدە بېغىشلاشقا قەسەم قىلغۇچىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، ئۇ مۇنداق قانۇن بويىچە ئىش قىلسۇن: ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنسۇن. 14مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كەلسۇن: كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان، گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقار، 15بىر سېۋەت پېتىر نان، يەنى ئېسىل ئۇندا يېقىلغان ماي توقاچ ۋە يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈركەلگەن پېتىر نان ۋە ئۇلار بىلەن بىللە سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى.

16روھانىي ئۇلارنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن 17ھەمدە قوچقارنى پېتىر نان بىلەن ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن. روھانىي يەنە ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنىمۇ سۇنسۇن.

18ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كىشى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ ئاستىدىكى ئوتقا تاشلىسۇن.

19ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى چېچىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، روھانىي قوچقارنىڭ سۇدا پىشۇرۇلغان ئالدى پۇتىنى ۋە سېۋەتتىن بىر پېتىر توقاچ بىلەن بىر پېتىر ناننى ئېلىپ، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچىنىڭ قولىغا تەگكۈزسۇن. 20روھانىي مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. بۇلارغا قوشۇپ يەنە، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە يوتا گۆشلىرى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ روھانىينىڭ ئۈلۈشىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى شاراب ئىچسە بولىدۇ.

21مانا بۇلار، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچىغا ئائىت قانۇندۇر. ئەگەر ئۆزىنى ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى، ئۆزىنى بېغىشلاش قەسىمىدىن باشقا، ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ، ماڭا يەنە ھەدىيە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان بولسا، ئۇ قىلغان قەسىمىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلسۇن.»

روھانىينىڭ دۇئاسى

22پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

23_ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ بەخت تىلەڭلار:

24‹پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي ۋە سىلەرنى قوغدىغاي!

25پەرۋەردىگار سىلەرگە دىدارىنىڭ نۇرىنى چاچقاي

ۋە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەي!

26پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆز دىدارىنى كۆرسەتكەي

ۋە سىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلغاي!›»

27ئۇلار ئىسرائىللار ئۈچۈن مېنىڭ نامىم بىلەن دۇئا قىلسا، مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى