« چۆلدە »

22

موئاب پادىشاھىنىڭ بىلئامنى چاقىرتىشى

1ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىگە يېتىپ بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىگە قارارگاھ تىكتى. 2زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاق ئىسرائىللارنىڭ ئامورلارنى قىرغىن قىلغانلىقىدىن خەۋەردار ئىدى. 3ئىسرائىللارنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىدىن موئابلار قورقۇنچتا قالدى. ئىسرائىللاردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە قالغان موئابلار 4مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا:

_ خۇددى كالىلار ئوتلاقتىكى ھەممە چۆپلەرنى يەۋەتكەندەك، بۇ بىر توپ ئادەملەر ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان بولدىغۇ ئاخىر، _ دېيىشتى.

بۇ چاغدا زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق موئابنىڭ پادىشاھى ئىدى. 5ئۇ ئاماۋ زېمىنىدىكى، فىرات دەرياسى بويىدىكى پىتور شەھىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرتتى. ئۇ ئەلچىلەر ئارقىلىق مۇنۇ خەۋەرنى بىلئامغا يوللىدى: «مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ، بېسىپ كەلدى. ئۇلار قارشى تەرىپىمگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 6ئۇلار مەندىن قۇدرەتلىك ئىكەن، مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. شۇنداق بولغاندىلا مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلەيمەن. بىلىمەن، سەن كىمگە بەخت تىلىسەڭ، شۇ بەختكە ئېرىشىدۇ، كىمنى قارغىساڭ، شۇ قارغىشقا قالىدۇ.»

7موئاب ۋە مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرى بىلئامغا سوۋغات قىلماقچى بولغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار بىلئامنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى ۋە بالاقنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. 8بىلئام ئۇلارغا:

_ بۈگۈن كېچە مۇشۇ يەردە قونۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سىلەرگە جاۋاب بېرىمەن، _ دېدى.

موئابتىن كەلگەن ئەلچىلەر بىلئامنىڭ يېنىدا قالدى. 9خۇدا بىلئامدىن:

_ بۇلار كىم؟ _ دەپ سورىدى.

10بىلئام جاۋاب بېرىپ:

_ بۇلار زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاقنىڭ ئەلچىلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە: 11«مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ كېتىپتۇ. بالاق مېنىڭ ئۇ خەلقنى قارغىشىمنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۇنداق بولغاندا پادىشاھ بالاق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلىشى مۇمكىن ئىكەن»، _ دېدى.

12خۇدا بىلئامغا مۇنداق دېدى:

_ سەن ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىپ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ خەلق مېنىڭ بەختىمگە ئېرىشكەن خەلقتۇر.

13ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرىگە:

_ سىلەر يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، سىلەر بىلەن بىرگە بېرىشىمغا پەرۋەردىگار رۇخسەت قىلمىدى، _ دېدى.

14موئابنىڭ ئەلچىلىرى قايتىپ بېرىپ، بالاققا:

_ بىلئام بىز بىلەن بىرگە كېلىشكە ئۇنىمىدى، _ دېدى.

15بالاق تېخىمۇ كۆپ ۋە ئالدىنقىدىن تېخىمۇ ئابرۇيلۇق ئەلچىلەرنى يەنە ئەۋەتتى. 16ئۇلار بىلئامنىڭ يېنىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا:

_ زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق سىزنى مەيلى قانداق قىلمىسۇن، چوقۇم كەلسۇن! 17مەن ئۇنى مەردلەرچە تارتۇقلايمەن، ئۇ خالىغىنىنى ئالسۇن، پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇ خەلقنى قارغىشىنىلا ئۆتۈنىمەن، _ دېدى.

18بىلئام جاۋابەن:

_ بالاق خەزىنىسىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ماڭا بەرسىمۇ، مەن ھەرقانداق بىر ئىشتا پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلالمايمەن. 19سىلەر بۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ يەنە قانداق تاپشۇرۇقلىرىنىڭ بارلىقىغا قاراپ باقايلى، _ دېدى.

20شۇ كېچىسى خۇدا بىلئامغا زاھىر بولدى ۋە مۇنداق دېدى:

_ بۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەنىكەن، ئۇلار بىلەن بىرگە بارساڭمۇ بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلغىن.

21بىلئام سەھەر تۇرۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، موئابنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.

22بىلئام ماڭغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى. بىلئام ئېشىكىنى مىنىپ، ئىككى خىزمەتكارىنى ئەگەشتۈرۈپ يولدا كېتىۋاتاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يولدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ يولىنى توستى. 23ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئېلىپ يولنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چەتنەپ ئېتىزلىققا كىرىپ كەتتى. بىلئام ئېشەكنى ئۇرۇپ يولغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. 24پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئارىسىدىكى بىر تار چىغىر يولدا تۇراتتى، ئىككى تەرىپى تام ئىدى. 25ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، تام تەرەپكە قىستىلىپ مېڭىپ، بىلئامنىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرۇپ قويدى. بىلئام يەنە ئېشەكنى ئۇردى. 26پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىغىراق بېرىپ، يولنىڭ تېخىمۇ تار يېرىدە تۇردى. ئىككى تەرىپىدە ئادەم ئۆتكۈدەك يەر يوق ئىدى. 27ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، يەردە يېتىۋالدى. بىلئام غەزەپلىنىپ، ئېشەكنى ھاسىسى بىلەن ئۇردى. 28پەرۋەردىگار ئېشەكنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بىلئامغا:

_ مەن قانداق خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ، _ دېگۈزدى.

29بىلئام:

_ سەن مېنى ئەخمەق قىلدىڭ، ئەگەر قىلىچىم بولغان بولسا، سېنى ھازىرلا ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم، _ دېدى.

30ئېشەك:

_ مەن سېنىڭ بۇرۇندىن باشلاپ مىنگەن ئېشىكىڭمەن، مەن بۇرۇن بۇنداق قىلىپ باققانمىدىم؟ _ دەپ سورىدى.

بىلئام جاۋاب بېرىپ:

_ ياق، _ دېدى.

31دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بىلئامنىڭ كۆزىنى ئاچتى، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچ تۇتۇپ يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى. 32پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلئامغا مۇنداق دېدى:

_ نېمىشقا سەن ئېشىكىڭنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ؟ مەن ئالايىتەن سېنى توسقىلى كەلدىم، چۈنكى سېنىڭ يولۇڭ گۇناھ يولىدۇر. 33ئېشىكىڭ مېنى كۆرۈپ، ئۈچ قېتىم يولدىن چەتنىدى، بولمىسا ئاللىقاچان سېنى ئۆلتۈرۈپ، ئېشەكنى قويۇۋەتكەن بولار ئىدىم.

34بىلئام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق دېدى:

_ مەن گۇناھ قىلدىم، سېنىڭ يول توسۇپ تۇرغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. ئەگەر سەن مېنىڭ بېرىشىمدىن خۇرسەن بولمىساڭ، مەن ھازىرلا قايتىپ كېتەي.

35پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى:

_ بۇلار بىلەن بىرگە بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ ئېيتقىنىمنى ئېيت، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.

36بالاق بىلئامنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، چېگراغىچە كېلىپ، موئابنىڭ ئارنون دەرياسى بويىدىكى شەھىرىدە كۈتۈۋالدى. 37بالاق بىلئامدىن:

_ ئالدىنقى قېتىم مەن سېنىڭ چوقۇم كېلىشىڭنى ئۆتۈنگەنىدىم. سەن نېمىشقا كەلمىدىڭ؟ ئەجەبا سېنى مەردلەرچە تارتۇقلىيالماسمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

38بىلئام مۇنداق دېدى:

_ مانا مەن ھازىر كەلدىم، لېكىن مەن ئۆزۈم خالىغانچە سۆزلىيەلمەيمەن، پەقەت خۇدانىڭ ئېيتقىنى بويىچىلا سۆزلەيمەن، _ دېدى.

39بالاق بىلەن بىلئام بىرلىكتە قىريات-خۇزوت شەھىرىگە كەلدى. 40بالاق ئۇ يەردە كالا-قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، بىلئام ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىلەرگە سۇندى. 41ئىككىنچى كۈنى سەھەردە بالاق بىلئامنى ئەگەشتۈرۈپ، باموت-بائالغا كەلدى. ئۇ يەردە بىر قىسىم ئىسرائىللارنى كۆرگىلى بولاتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى