« چۆلدە »

21

ئاراد پادىشاھىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى

1كەنئاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارادنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئاتارىمغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەسىرگە ئالدى. 2شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر سەن بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ، ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىمىز» دەپ قەسەم قىلدى. 3پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلاپ، كەنئانلارنى ئۇلارغا تاپشۇردى. ئۇلار كەنئانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى. شۇڭا ئۇ جاي خورماھ [مەنىسى «خاراب قىلىش»] دەپ ئاتالدى.

تۇچ يىلان

4ئىسرائىللار ھور تېغىدىن قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يولغا چىقىپ، ئىدومدىن ئايلىنىپ ئۆتمەكچى بولدى. لېكىن كىشىلەر يولدا تاقەتسىزلىنىپ، 5خۇدا ۋە مۇسادىن ئاغرىنىشقا باشلىدى:

_ سەن نېمىشقا بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ چۆلدە ئۆلۈمگە باشلايسەن؟ بۇ جايدا يا نان يوق، يا سۇ يوق! ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ ناچار ماننادىن تويۇپ كەتتۇق! _ دېدى.

6شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى. يىلانلار نۇرغۇن ئىسرائىللارنى چېقىپ، ئۆلتۈردى. 7خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ بىز سەن ۋە پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ، گۇناھ قىلدۇق. پەرۋەردىگاردىن يىلانلارنى بىزدىن يىراق قىلىشىنى تىلەپ، دۇئا قىلغايسەن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن مۇسا جامائەت ئۈچۈن دۇئا قىلدى. 8پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ يىلاندىن بىرنى ياساپ، خادىنىڭ ئۈستىگە ئورناتقىن. يىلان چاققان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا قارىسا ھايات قالىدۇ.

9شۇڭا مۇسا تۇچتىن بىر يىلان ياساپ، ئۇنى خادىنىڭ ئۈستىگە ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن يىلان چېقىۋالغان ئادەم تۇچتىن ياسالغان يىلانغا قارىسا، ھايات قالدى.

موئاب تۈزلەڭلىكىگە سەپەر

10ئىسرائىللار يەنە سەپەرگە ئاتلىنىپ ئوبوتتا قارارگاھ تىكتى. 11ئاندىن ئۇلار ئوبوتتىن چىقىپ، ئابارىم تاغلىرىدىكى ئىيىمغا كەلدى ۋە موئابنىڭ شەرقىي چېگراسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چۆلدە قارارگاھ تىكتى. 12ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، زەرەد جىلغىسىدا قارارگاھ تىكتى. 13ئاندىن ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا قارارگاھ تىكتى. بۇ جاي ئامورلارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشىدىغان چۆلدە ئىدى. ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسى بولۇپ، موئاب بىلەن ئامورلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. 14شۇڭا بۇ جايلار «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى»دە پۈتۈلگەنىدى: «... سۇفاھتىكى ۋاھېب بازىرى ۋە ئارنوننىڭ چوڭقۇر جىلغىلىرى 15ھەمدە ئار يېزىسىغا يېتىپ بارىدىغان ۋە موئاب چېگراسىغا سوزۇلىدىغان جىلغىلارنىڭ باغرىلىرى ...»

16ئۇلار ئۇ جايدىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بەئەرگە [مەنىسى «قۇدۇق»] باردى. بۇ يەر پەرۋەردىگار مۇساغا: «خەلقنى يىغىپ جەم قىلغىن، مەن ئۇلارغا سۇ بېرىمەن» دېگەن يەر ئىدى. 17ئۇ چاغدا ئىسرائىللار تۆۋەندىكى ناخشىنى ئېيتقانىدى:

«ئەي قۇدۇق، ئېتىلىپ چىققاي سۇلىرىڭ،

كۈيلىگەيمىز بىز سېنى،

18ئەل باشچىلىرى، ئەل سەركىلىرى كولاپ سېنى،

سەلتەنەت ھاسىلىرىدا قازغانىدى.»

ئاندىن ئۇلار چۆلدىن چىقىپ، ماتتاناغا باردى. 19ماتتانادىن ناخالىئېلغا، ناخالىئېلدىن باموتقا، 20باموتتىن موئاب زېمىنىغا، يەنى چۆلگە قاراپ تۇرىدىغان پىسگاھ تېغىنىڭ بويىدىكى جىلغىغا يېتىپ باردى.

سىخون ۋە ئوگ پادىشاھلارنىڭ تارمار قىلىنىشى

21ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا تۆۋەندىكى تەلەپلەر بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى: 22«بىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن كېسىپ ئۆتۈشىمىزگە يول قويسىڭىز. بىز ئېتىزلىقىڭىزدا ياكى ئۈزۈمزارلىقىڭىزدا ماڭمايمىز، قۇدۇقىڭىزدىن سۇ ئىچمەيمىز. بىز تاكى سىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈپ بولغۇچە، پەقەت خانلىق يولدىلا ماڭىمىز.»

23لېكىن سىخون ئىسرائىللارنى ئۆز زېمىنىدىن ئۆتكۈزمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق لەشكىرىنى يىغدى ۋە چۆلگە بېرىپ، ياھاز دېگەن جايدا ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. 24ئىسرائىللار پادىشاھ سىخوننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارنون دەرياسىدىن ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋېلىپ، مۇداپىئەسى زىچ بولغان ئاممونلارنىڭ چېگراسىغىچە يېتىپ باردى 25ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى، جۈملىدىن خەشبون ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ يەرلەرگە ئولتۇراقلاشتى. 26خەشبون ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ شەھىرى بولۇپ، سىخون موئابلارنىڭ ئاۋۋالقى پادىشاھى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان بارلىق زېمىنىنى ئىشغال قىلغانىدى. 27شۇڭا بەزىلەر بۇ توغرۇلۇق مۇنداق قوشاق توقۇغانىدى:

«خەشبون شەھىرىگە كېلىپ، ئۇنى قايتا قۇرسۇن،

سىخوننىڭ شەھىرى قايتا بىنا بولسۇن.

28يالقۇن خەشبوندىن چىقتى،

سىخون شەھىرىدىن ئاتەش ياندى.

موئابنىڭ ئار شەھىرىنى يالماپ،

ئارنون ئېگىزلىكىنىڭ پۇقرالىرىنى كۆيدۈردى.

29ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي موئابلار!

ئاھ كىموش ئىلاھىنىڭ خەلقى، تۈگەشتىڭلار ئەمدى!

ئىلاھىڭلار ئوغۇللىرىنىڭ قاچاق بولۇشىنى توسالمىدى،

ئىلاھىڭلار قىزلىرىنىڭ تۇتقۇن بولۇشىنى توسالمىدى،

ئۇلار ئامور پادىشاھى سىخوننىڭ بولدى.

30بىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدۇق،

خەشبون ۋەيران بولدى تاكى دىبونغىچە.

پايخان قىلدۇق ئۇلارنى تاكى نوفاخقىچە،

نوفاختىن ھەتتا مېدىباغىچە.»

31شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئولتۇراقلاشتى. 32مۇسا يازېر شەھىرىنى چارلاشقا ئادەم ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ جايدىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقاردى.

33ئاندىن ئىسرائىللار بۇرۇلۇپ، باشانغا قاراپ يول ئالدى.

شۇنىڭ بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن لەشكەرلىرى ئۇلارغا قارشى ئاتلىنىپ، ئەدرەئىدە ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇرۇش قىلدى. 34پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.

35شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوگنى ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ تارمار قىلدى، ئۇلاردىن ھېچكىمنى ئامان قويمىدى ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى