« چۆلدە »

2

قەبىلىلەرنىڭ قارارگاھتىكى ئورنى

1پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ، ئۆز قەبىلىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى يېتەكلەيدىغان قەبىلىنىڭ تۇغى ۋە جەمەت بەلگىسىنىڭ ئاستىغا تىكسۇن. 3يەھۇدا قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنچىقىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە شۇ يەرگە تىكسۇن. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوندۇر. 4ئۇنىڭ 74,600 ئادىمى بار. 5يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ئىسساكار قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېلدۇر. 6ئۇنىڭ 54,400 ئادىمى بار. 7يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە زەبۇلۇن قەبىلىسى بولۇپ، باشلىقى خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئابدۇر. 8ئۇنىڭ 57,400 ئادىمى بار. 9يەھۇدا قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 186,400 بولۇپ، ئۇلار ئالدىنقى سەپتە ماڭسۇن.

10رۇبېن قوشۇنلىرى تۇغىنى جەنۇب تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇردۇر. 11ئۇنىڭ 46,500 ئادىمى بار. 12رۇبېن قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە شىمون قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېلدۇر. 13ئۇنىڭ 59,300 ئادىمى بار. 14رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە گاد قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياسافتۇر، 15ئۇنىڭ 45,650 ئادىمى بار. 16رۇبېن قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 151,450 بولۇپ، ئۇلار ئىككىنچى سەپتە ماڭسۇن.

17ئالدىنقى ئىككى قوشۇن بىلەن كېيىنكى ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدا لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىنى ئېلىپ ماڭسۇن. بارلىق قەبىلە ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇرغاندەك ئۆز ئورۇنلىرىدا ماڭسۇن.

18ئەفرايىم قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنپېتىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامادۇر. 19ئۇنىڭ 40,500 ئادىمى بار. 20ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ماناسسە قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېلدۇر. 21ئۇنىڭ 32,200 ئادىمى بار. 22ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىنيامىن قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىداندۇر. 23ئۇنىڭ 35,400 ئادىمى بار. 24ئەفرايىم قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 108,100 بولۇپ، ئۇلار ئۈچىنچى سەپتە ماڭسۇن.

25دان قوشۇنلىرى تۇغىنى شىمال تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەردۇر. 26ئۇنىڭ 62,700 ئادىمى بار. 27دان قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ئاشېر قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېلدۇر. 28ئۇنىڭ 41,500 ئادىمى بار. 29دان قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نافتالى قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرادۇر. 30ئۇنىڭ 53,400 ئادىمى بار. 31دان قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 157,600 بولۇپ، ئۇلار ئۆز تۇغلىرىنى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن سەپنىڭ كەينىدە ماڭسۇن.

32بۇلار جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان ئىسرائىللار بولۇپ، ھەرقايسى قارارگاھتىكى رويخەتكە ئېلىنغان لەشكەرلىرىنىڭ سانى 603,550كە يەتكەنىدى. 33لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىدا لاۋىيلار رويخەتكە ئېلىنمىدى. 34ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇردى، ھەرقايسىسى ئۆز ئۇرۇق-جەمەتلىرى بىلەن يولغا چىقتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى