« چۆلدە »

11

خەلقنىڭ نارازىلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى

1خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاغرىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا ئوت چېچىپ، قارارگاھنىڭ بىر چېتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 2خەلق مۇساغا يالۋۇرۇۋىدى، مۇسا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. ئاندىن ئوت ئۆچتى. 3پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئوت چاچقاچقا، ئۇ يەر تابئېرا [مەنىسى «كۆيگەن يەر»] دەپ ئاتالدى.

خەلقنىڭ گۆش تەلەپ قىلىشى

4ئىسرائىللار بىلەن سەپەرداش بولغان بەزى يات قوۋمدىكى جېدەلخور ئادەملەرنىڭ نەپسى گۆش سېغىنىپ كەتكەنىدى. ئىسرائىللار يەنە زارلىنىپ:

_ ئەگەر گۆش بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى! 5مىسىردىكى چاغلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىمىزدە بار، ئۇ ۋاقىتتا بىكارلىق بېلىقنى خالىغانچە يەيتتۇق. تەرخەمەك، تاۋۇز، غولپىياز، پىياز ۋە سامساقمۇ بار ئىدى. 6ئەمدى ئىشتىھايىمىز تۇتۇلۇپ كەتتى. ھەر كۈنى ماننادىن باشقا يەيدىغان ھېچ نەرسە يوق! _ دەپ نارازى بولۇشتى.

7(ماننانىڭ شەكلى ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش بولۇپ، سارغۇچ رەڭدە ئىدى. 8-9ھەر كۈنى سەھەردە شەبنەم چۈشكەندە ئۇمۇ چۈشەتتى. ئەتىگەنلىكى، ھەممەيلەن ماننا تېرىپ كېلىپ، يارغۇنچاق ياكى ھاۋانچا ئارقىلىق ئۇن قىلىپ، ئۇنى قازان قاتلىمىسى قىلىپ يەيتتى. ئۇنىڭ تەمى زەيتۇن يېغى بىلەن پىشۇرۇلغان قاتلىمىغا ئوخشايتتى.)

10كۆپچىلىك چېدىرلىرىدىن چىقىپ، ھەركىم ئۆز چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ، زارلىنىشاتتى. مۇسا بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار خەلققە بەكمۇ غەزەپلەنگەنىدى، مۇسامۇ خاپا بولدى.

11مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:

_ خىزمەتكارىڭ بولغان مېنى نېمىشقا بۇنچە قىينايسەن؟ سېنى رەنجىتكۈدەك بىرەر ئىش قىلدىممۇ؟ نېمىشقا بۇ خەلقنىڭ ئېغىرىنى مېنىڭ يەلكەمگە يۈكلىدىڭ؟ 12ئۇلار مېنىڭ پەرزەنتلىرىممىدى؟ ئۇلارنى مەن ئاپىرىدە قىلغانمىدىم؟ سەن نېمىشقا مەندىن، ئۇلارنى خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش ئاسراپ، ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا قوغداپ ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلدىڭ؟ 13ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا يىغلاپ: «گۆش تېپىپ بەرگىن!» دەپ يالۋۇرىدۇ. مەن شۇنچە خەلققە گۆشنى نەدىن تېپىپ بېرەلەيمەن؟ 14بۇ خەلقنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. مەن بۇنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالمىغۇدەكمەن. 15سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغانىكەنسەن، ماڭا رەھىم قىلىپ، دەرھال جېنىمنى ئال، مەن بۇ جاپانى قايتا تارتماي!

مۇسانىڭ ياردەمچى تەيىنلىشى

16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ خەلقنىڭ ئارىسىدىكى سەن تونۇيدىغان پېشقەدەم ئاقساقاللار ۋە باشلىقلاردىن يەتمىشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار يېنىڭدا تۇرسۇن. 17مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. ساڭا ئاتا قىلغان روھتىن ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلىمەن. سەن بۇ خەلقنىڭ ئېغىرلىقىنى يالغۇز كۆتۈرمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار يېنىڭغا كېلىپ ئېغىرلىقىڭنى يەڭگىل قىلىدۇ. 18سەن خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئەتە گۆش يېيىش ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار. سىلەرنىڭ ‹كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ مىسىردا پاراۋان ياشىغانىدۇق!› دەپ ۋايساشلىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پەرۋەردىگار سىلەرگە گۆش بېرىدۇ، ئۇنى چوقۇم يەيسىلەر. 19بىر-ئىككى كۈن ئەمەس، ياكى بەش-ئون كۈن، ھەتتا يىگىرمە كۈنمۇ ئەمەس، 20پۈتۈن بىر ئاي، كۆز-قۇلىقىڭلاردىن تېشىپ چىققۇچە، كۆڭلۈڭلارغا تەگكۈچە يەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ‹مىسىردىن ئايرىلمىساق بوپتىكەن› دەپ زارلىنىپ، ئاراڭلاردىكى پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.»

21مۇسا پەرۋەردىگارغا:

_ مېنىڭ ئەتراپىمدىكى خەلقنىڭ ئەرلىرى ئالتە يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ. لېكىن سەن: «ئۇلارغا بىر ئاي يەتكۈدەك گۆش بېرىمەن» دېدىڭ. 22ئەجەبا، شۇلارنى تويدۇرۇشقا يەتكۈدەك ئۇنچىۋالا كۆپ قوي-كالىلارنى نەدىن تاپقىلى بولار؟ ئۇلارغا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەتمەسمىكىن؟! _ دېدى.

23پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم شۇنچىلىك چەكلىكمۇ؟ سەن سۆزلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ناھايىتى تېزلا كۆرىسەن! _ دېدى.

24شۇنىڭ بىلەن مۇسا چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى خالايىققا يەتكۈزدى. ئۇ كۆپچىلىك ئىچىدىن يەتمىش ئاقساقالنى تاللاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ چۆرىسىگە تۇرغۇزدى. 25پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلەشتى ۋە مۇساغا ئاتا قىلىنغان روھتىن يەتمىش ئاقساقالغىمۇ ئاتا قىلدى. روھ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلار ئەس-ھوشىنى يوقاتقان ھالدا زىكىر قىلغىلى تۇردى. لېكىن بۇنداق زىكىر قىلىش قايتا تەكرارلانمىدى. 26ئاقساقاللار ئىچىدىكى ئەلداد ۋە مېداد ئىسىملىك ئىككى ئاقساقال ئۇچرىشىش چېدىرىغا بارماي قارارگاھلىرىدا قالغانىدى، ئۇ يەردە ئۇلارغىمۇ روھ چۈشتى. ئۇلارمۇ زىكىر قىلىشتى. 27مەلۇم بىر يىگىت مۇسانىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەلداد بىلەن مېدادنىڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلدى. 28بۇ چاغدا ياش ۋاقتىدىن بۇيان مۇسانىڭ ياردەمچىسى بولۇپ كەلگەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مۇساغا:

_ تەقسىر، ئۇلارنى توسۇۋالغايسىز؟ _ دېدى.

29مۇسا ئۇنىڭغا:

_ سەن مېنىڭ ئورنۇمدىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھىنى پۈتۈن خەلققە ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەيغەمبەر بولۇشنى خالايتتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

30شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش ئاقساقىلى قارارگاھلىرىغا قايتىپ كەتتى.

پەرۋەردىگارنىڭ بۆدۈنە ياغدۇرۇشى

31پەرۋەردىگار شامال چىقاردى ۋە شامال بىلەن تەڭ توپ-توپ بۆدۈنىلەرنى دېڭىز تەرەپتىن ئۇچۇرۇپ كەلدى. بۆدۈنىلەر بىر مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان بولۇپ، قارارگاھنىڭ ھەممە تەرىپىنى بىر كۈنلۈك يول يىراقلىققىچە قاپلاپ كەتكەنىدى. 32كىشىلەر ئەتىگەندىن كەچكىچە ۋە كېچىسى بۆدۈنە تۇتقىلى كىرىشىپ كەتتى. ئەتىسىمۇ يەنە پۈتۈن بىر كۈن بۆدۈنە تۇتتى. ھەربىر ئادەم ئاز دېگەندە ئەللىك سېۋەتتىن تۇتۇشتى. ئۇلار بۆدۈنىلەرنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن چېدىرلارنىڭ ئەتراپىغا يېيىپ قويۇشتى.

33كۆپچىلىك گۆشلىرىنى تېخى يەپ تۈگىتىپ بولالمىغاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا غەزىپىنى ياغدۇرۇپ، ئەجەللىك ۋابا تارقاتتى. 34بۇ يەرگە نەپسى يامانلار دەپنە قىلىنغاچقا، ئۇ يەر قىبروت-ھاتتائاۋا [مەنىسى «نەپسى يامانلارنىڭ قەبرىستانلىقى»] دەپ ئاتالدى. 35ئىسرائىل خەلقى قىبروت-ھاتتائاۋادىن خازېروت دېگەن يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى