« چۆلدە »

10

خەۋەر كانايلىرى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ كۈمۈشتىن ئىككى كاناي ياساتقىن، كانايلار سوقۇپ ياسالسۇن. ئۇلارنى جامائەتنى يىغىش ۋە قارارگاھلارنى كۆچۈرۈشتە ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ئىشلەتكىن. 3ئىككى كۈمۈش كاناي تەڭ چېلىنغاندا، پۈتۈن جامائەت ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، سېنىڭ يېنىڭغا يىغىلسۇن. 4ئەگەر بىر كاناي چېلىنسا، ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى بولغان ئاقساقاللار يىغىلسۇن. 5ئەگەر قىسقا چېلىنسا، شەرق تەرەپتە چېدىر تىككەن قەبىلىلەر چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچسۇن. 6ئىككىنچى قېتىم قىسقا چېلىنسا، جەنۇب تەرەپتە چېدىر تىككەن قەبىلىلەر چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچسۇن. كاناي چېدىرلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن قىسقا چېلىنسۇن. 7جامائەتنى يىغىشقا توغرا كەلسە ئۇزۇن چېلىنسۇن، قىسقا چېلىنمىسۇن.

8بۇ ئىككى كاناينى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلار چالسۇن. بۇ قائىدىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار. 9سىلەر زېمىنىڭلارغا باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، بۇ ئىككى كاناي بىلەن چاقىرىق قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قوغداپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرىمەن. 10شاد-خۇراملىق كۈنلىرىڭلار، يەنى بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلار ۋە يېڭى ئاي بايراملىرىڭلاردا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنغاندا، بۇ كانايلارنى چېلىڭلار، مەن سىلەرنى ئەسلەيمەن، سىلەرگە ياردەم قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

ئىسرائىللارنىڭ سەپەرگە چىقىشى

11ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇت كۆتۈرۈلدى. 12ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىنىپ، سىناي چۆلىدىن چىقىپ كەتتى. بۇلۇت پاران چۆلىگە كېلىپ توختىدى. 13بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقىشى بولدى.

14ھەر قېتىم ئۇلار يولغا چىققاندا، ئالدى بىلەن يەھۇدا تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. يەھۇدا قەبىلىسىگە ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون يېتەكچىلىك قىلدى. 15زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل ئىسساكار قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 16خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب زەبۇلۇن قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 17ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرشون ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى چېدىرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى.

18ئۇنىڭ كەينىدىن رۇبېن تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. رۇبېن قەبىلىسىگە شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر يېتەكچىلىك قىلدى. 19زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل شىمون قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 20دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف گاد قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 21ئاندىن كېيىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار قارارگاھقا يېتىپ بارغۇچە، ئىبادەت چېدىرى تىكىلىپ بولغانىدى.

22ئۇنىڭ كەينىدىن ئەفرايىم تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. ئەفرايىم قەبىلىسىگە ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما يېتەكچىلىك قىلدى. 23پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل ماناسسە قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 24گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

25ئەڭ ئاخىرىدا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بولغان دان تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تۈزۈپ ماڭدى. دان قەبىلىسىگە ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر يېتەكچىلىك قىلدى. 26ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل ئاشېر قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 27ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا نافتالى قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 28ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇغاندىن كېيىن، مانا شۇ تەرتىپ بويىچە سەپ تارتىپ ماڭدى.

29مۇسا مىديانلاردىن بولغان قېيىنئاتىسى رىئۇئېلنىڭ ئوغلى خوبابقا:

_ بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز. ئۇ ئىسرائىللارنى روناق تاپقۇزۇشقا ۋەدە قىلدى. شۇڭا بىز بىلەن بىللە ماڭغايسىز. بىز ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمىز، _ دېدى.

30لېكىن خوباب:

_ مەن بارمايمەن، ئۆز يۇرتۇمغا، قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا كېتەي، _ دەپ جاۋاب بەردى.

31مۇسا ئۇنىڭغا:

_ بىزدىن ئايرىلمىغايسىز. سىز بۇ چۆلنى ياخشى بىلىسىز. بىزگە يول باشلىغۇچى بولۇپ، قەيەردە قارارگاھ قۇرساق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەيسىز. 32ئەگەر سىز بىز بىلەن بىللە بارسىڭىز، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق سائادەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىسىز، _ دېدى.

33ئىسرائىللار پەرۋەردىگار زاھىر بولغان سىناي تېغىدىن چىقىپ، ئۈچ كۈن يول ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، چېدىر تىكىدىغانغا جاي ئىزدىدى. 34ئۇلار بىر قارارگاھتىن يەنە بىر قارارگاھقا كۆچكىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمىدى.

35ئەھدە ساندۇقىنى ھەر قېتىم يۆتكىگەندە، مۇسا:

«ئى پەرۋەردىگار، قوزغالغايسەن! دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلغايسەن!

سېنى يامان كۆرگۈچىلەر ئالدىڭدىن قېچىپ كەتسۇن» دەپ دۇئا قىلاتتى.

36ئەھدە ساندۇقى ھەربىر توختىغاندا، مۇسا:

«ئى پەرۋەردىگار، تۈمەن مىڭلىغان ئىسرائىللار ئىچىگە قايتىپ كەلگەيسەن» دەپ دۇئا قىلاتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى