« ئايۇپ »

34

ئەلىھۇ: خۇدا ھەرگىز رەزىللىك قىلمايدۇ

1ئەلىھۇ يەنە مۇنداق دېدى:

2«ئەي ئۆزىنى دانىشمەن سانايدىغانلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار،

ئەي ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ ئويلىغانلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.

3تىل تائامنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك.

قۇلاق سۆزلەرنى پەرقلەندۈرىدۇ،

4بىز ھەقىقەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ باقايلى،

بىرلىكتە نېمىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى تونۇپ باقايلى.

5ئايۇپ: ‹مەن گۇناھسىز، خۇدا ماڭا ئادىل بولمىدى،

6گەرچە مېنىڭ يوللۇق بولسىمۇ، لېكىن مېنى يالغانچى دەپ قارىدى،

ئەيىبسىز بولساممۇ، ماڭا ئەجەللىك زەربە بەردى› دەيدۇ.

7ئايۇپتەك يەنە بىرى بارمۇ؟

ئاغزىدىن كۇپۇرلۇق سۇدەك ئاقىدۇ.

8ئۇ رەزىللەرنىڭ ئارىسىدا بولدى،

يامانلارغا ھەمراھ بولدى.

9ئۇ مۇنداق دېگەنىدى:

‹خۇدانى خۇرسەن قىلىشنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق›.

10شۇڭا ئاقىللار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار،

خۇدا ھەرگىز رەزىللىك قىلمايدۇ،

ھەممىگە قادىر خۇدا ھەرگىز ئادالەتسىزلىك قىلمايدۇ.

11ئۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ،

ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە يارىشا جازا ياكى ئىنئام بېرىدۇ.

12خۇدا ھەرگىز رەزىللىك قىلمايدۇ،

ھەممىگە قادىر خۇدا ئادالەتنى زىنھار ئاستىن-ئۈستۈن قىلمايدۇ.

13بىركىم ئۇنى يەر-زېمىننى باشقۇرۇشقا،

بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئەۋەتكەنمىدى؟

14ئەگەر خۇدا ئۆزىنىڭ روھىنى ۋە نەپىسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلسا،

15بارلىق ھاياتلىق بىراقلا ھالاك بولۇپ،

ئىنسانلار تۇپراققا قايتقان بولار ئىدى.

16ئەقىللىق بولساڭ سۆزۈمنى ئاڭلا،

سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.

17خۇدا ئادالەتتىن نەپرەتلەنگەن بولسا، ھۆكۈمران بولالامدۇ؟

سەن ھەققانىي ۋە بۈيۈك خۇدانى ئەيىبلەمسەن؟

18ئۇ پادىشاھلارنى ‹يارىماس›،

ئېسىلزادىلەرنى ‹رەزىللەر› دېيەلەيدۇ.

19ئۇ ھۆكۈمرانلارغا يان باسمايدۇ،

باينى كەمبەغەلدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ،

چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىدە قىلغاندۇر.

20ئۇلار توساتتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ،

تۈن يېرىمىدا بىر سىلكىنىپلا ئۆلۈپ كېتىدۇ،

مۆتىۋەرلەرمۇ ئىنساننىڭ ياردىمىسىز يوق قىلىنىدۇ.

21خۇدا ئىنسانلارنىڭ يولىنى كۆزىتىپ،

پۈتكۈل قەدەملىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.

22رەزىللەر يوشۇرۇنغۇدەك قاراڭغۇلۇق ياكى يوشۇرۇن جاي تاپالمايدۇ.

23خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا سوتلىشى ئۈچۈن تەپسىلىي كۆزىتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

24ئۇ ھوقۇقدارلارنى تەكشۈرمەستىن يىقىتىپ،

ئورنىغا باشقىلارنى قويالايدۇ.

25ئەلۋەتتە خۇدا ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىدۇ،

ئۇلارنى كېچىدە يىقىتىپ، بىتچىت قىلالايدۇ.

26خۇدا ئۇلارنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ئۇرىدۇ.

27چۈنكى ئۇلار خۇدادىن يۈز ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەق يولىدىن چەتنىدى.

28ئاشۇ رەزىللەرنىڭ دەستىدىن نامراتلارنىڭ نىدالىرى خۇداغا يېتىپ باردى،

ئۇ موھتاجلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلايدۇ.

29ئەگەر خۇدا سۈكۈتتە تۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى تەنقىد قىلالايدۇ؟

ئەگەر ئۇ دىدارىنى يوشۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى كۆرەلەيدۇ؟

لېكىن مەيلى ئۇ بىر ئادەم، مەيلى بىر خەلق بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،

30خەلقلەرنى قىلتاققا دەسسەتمەسلىك ئۈچۈن،

ئىمانسىزلارنىڭ پادىشاھ بولۇشىغا يول قويمايدۇ.

31كىم خۇداغا: ‹مەن گۇناھىمنى ئۈستۈمگە ئالدىم، ئەمدى خاتالىق سادىر قىلمايمەن،

32بىلمەيدىغانلىرىمنى ماڭا ئۆگەتكىن،

ئەگەر مەن رەزىللىك قىلغان بولسام، قايتا قىلمايمەن› دەپ باقتى؟

33ئەجەبا سەن ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىساڭ،

خۇدا سېنىڭ رايىڭغا باقامدۇ؟

تاللاشقا دۇچ كەلگىنى سەن، مەن ئەمەسمەن!

سەنمۇ پىكىرىڭنى دەپ باققىن.

34ئاقىللار ۋە سۆزۈمنى ئاڭلىغان دانىشمەنلەر مۇنداق دەيدۇ:

35‹ئايۇپ بىلىمسىزلەردەك گەپ قىلدى،

ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئەقىل-پاراسەتتىن ئەسەر يوقتۇر.

36ئايۇپ رەزىللەردەك جاۋاب بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرغىچە سىنالسۇن.

37ئايۇپ ئاسىيلىق قىلىپ، گۇناھىغا يەنە گۇناھ قوشتى،

ئۇ ئارىمىزدا تۇرۇپ خۇدانى مەسخىرە قىلىپ،

ئۇنىڭغا قارشى نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى.›»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى