« ئايۇپ »

29

ئايۇپنىڭ سۆزىنى داۋام قىلىشى

1ئايۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

2«بۇرۇنقى كۈنلىرىمگە،

خۇدا ھالىمدىن خەۋەر ئالغان كۈنلىرىمگە قايتسام دەيمەن.

3ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمدا يېنىپ تۇراتتى،

ئۇنىڭ نۇرى قاراڭغۇدا ماڭا ھەمراھ ئىدى.

4ئۇ چاغلار مېنىڭ قىران چاغلىرىم ئىدى،

خۇدا چېدىرىمدا يېقىن دوستۇم ئىدى.

5ھەممىگە قادىر خۇدا مەن بىلەن بىرگە ئىدى،

بالىلىرىم ئەتراپىمدا يۈرەتتى.

6سۈت-قايماقلىرىم ئېشىپ-تېشىپ تۇراتتى،

زەيتۇنزارلىقىمدىن زەيتۇن يېغى ئېرىق بولۇپ ئاقاتتى.

7شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئولتۇرغان ئاقساقاللار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغىنىمدا،

8ياشلار مېنى كۆرسە ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى،

ياشانغانلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلاتتى.

9بەگلەر سۆزلىرىدىن توختاپ،

ئېغىزلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋالاتتى.

10ئەمەلدارلارمۇ جىم بولۇشۇپ،

تىللىرى تاڭلايلىرىغا چاپلىشىپ قالاتتى.

11سۆزۈمنى ئاڭلىغانلار بەخت تىلىشەتتى،

مېنى كۆرگەنلەر ماختىشاتتى.

12چۈنكى، ياردەم سورىغان يوقسۇللارنى قۇتقۇزدۇم،

ئىگە-چاقىسىز يېتىملەرگە ھامىي بولدۇم.

13سەكراتتىكى ئادەم ماڭا بەخت تىلەيتتى،

تۇل خوتۇنلارنىڭ قەلبىنى شادلىققا تولدۇراتتىم.

14مەن ھەققانىيەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەنىدىم،

ئادالەت ماڭا يېپىنچا ۋە باش كىيىم بولغانىدى.

15مەن كورنىڭ كۆزى،

توكۇرنىڭ پۇتى بولغانىدىم.

16نامراتلارغا ئاتا بولدۇم،

ناتونۇشلارنى ئاقلىدىم.

17رەزىللەرنىڭ چىشىنى چېقىپ،

ئاغزىدىن ئولجىسىنى تارتىۋالدىم.

18مەن: ‹كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپتۇر،

ئائىلەمدە خاتىرجەم ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىمەن› دەپ ئويلىغانىدىم.

19يىلتىزىم سۇ بويىغىچە سوزۇلغانىدى،

شاخلىرىم تۈن بويى شەبنەمدە يۇيۇلاتتى.

20شان-شەرىپىم گويا مەڭگۈ ئۆزگەرمەستەك،

ئوقيايىمنى تارتىدىغان كۈچۈم يېڭىلانماقتا.

21كىشىلەر سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلاتتى،

نەسىھەت بېرىشىمنى سۈكۈتتە كۈتەتتى.

22سۆزلىرىمگە ھېچكىم قوشۇمچە قىلمايتتى،

سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا نەمخۇشلۇق ئاتا قىلاتتى.

23ئۇلار يامغۇرغا تەلپۈنگەندەك ماڭا تەلپۈنەتتى،

باھار يامغۇرىغا تەشنا بولغاندەك ئېغىزلىرىنى ئېچىشىپ قالاتتى.

24مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىسەم، ئۇلار ئىشىنەلمەيتتى،

چېھرىمدىكى نۇرنى قەدىرلەيتتى.

25ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان يېتەكچى ئىدىم،

خۇددى پادىشاھ لەشكەرلىرى ئارىسىدا يۈرگەندەك ياشىغانىدىم،

قايغۇرۇپ ھەسرەتتە قالغانلارنىڭ تەسەللى بەرگۈچىسى ئىدىم.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى